ماسكىنى ئېلىۋېتىشكە بولمايدۇ!

ئەلكۈيى تورى
2020-12-05
來源:中国维吾尔语广播CNR




يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تارقالغاندىن كېيىن، ماسكا تاقاش كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى بىر خىل ئادەتكە ئايلاندى. لېكىن، مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ دائىملىشىشىغا ئەگىشىپ، سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقىمايدىغان، ھەتتا ئاممىۋى سورۇنلارغا كىرگەندە ماسكا تاقاشنى رەت قىلىدىغانلارمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى.

قىش كىرگەندىن بۇيان، دۇنيادا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تارقىلىشى تېز سۈرەتتە ئۆرلىدى. ھازىرغىچە جەمئىي 63 مىليون 360 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يۇقۇملاندى، دۆلىتىمىزگە يۇقۇمنىڭ چېگرا سىرتىدىن كىرىشىگە مەنبە بولۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، تارقىلىش خەتىرى يەنىمۇ زورايدى.

مەملىكىتىمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىمۇ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان يەرلىك بىمارلار ئارقا-ئارقىدىن بايقالدى. نويابىرنىڭ ئاخىرىدىن ھازىرغىچە، دۆلىتىمىزدە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك بىمار 61 گە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قىش پەسلى نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىل، شۇنداقلا ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل، شۇڭا بۇ يىل قىشتا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرى بىر چوڭ سىناققا دۇچ كېلىشى مۇمكىن.

ئادەتتىكى ئامما بۇ يىل قىشتا كېسەلدىن ياخشى مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن قانداق قىلىشى كېرەك؟ بۇنىڭ ئۈچۈن شىنخۇا تورى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى گاۋ فۇنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى، ئۇ مۇنداق مۇراجىئەت قىلدى: ماسكىڭىزنى ئېلىۋەتكەن بولسىڭىز، چوقۇم قايتا تاقىۋېلىشنى ئۇنۇتماڭ، بۇ يىل قىشتىكى چوڭ سىناققا ھەممىمىز بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرايلى.

شىنخۇا تورى: كۆپچىلىك كۈز ۋە قىش پەسلىدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋە تارقىلىشچان زۇكامنىڭ تېخىمۇ ئەدەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

گاۋ فۇ: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋە تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ تېخىمۇ ئەدەپ كېتىشى ئېنىق، بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۇ تارقىلىشچان زۇكام بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ باشقا كېسەللىكلەر بىلەن بىرلىشىپ كېتىشى ئىزچىل كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلە، بەزىلەرنىڭ تارقىلىشچان زۇكامغا گىرىپتار بولغانلىقى ياكى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقىنى ئايرىماق تەس، بۇ بىر مەسىلە.

شىنخۇا تورى: بۇ يىل قىشتا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشكە ئىشەنچىمىز بارمۇ؟

گاۋ فۇ: ئۇنىڭ قانداق ۋىرۇس ئىكەنلىكى، ئۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكى جەھەتتە كۆڭلىمىزدە سان بار، لېكىن ئەنسىرەيدىغىنىمىز شۇكى، ئاممىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلەپلىرىگە رىئايە قىلىشى ياخشى بولمايۋاتىدۇ. ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرگە قاراڭ، خەلققە ماسكا تاقاڭلار دېسە تاقىمايۋاتىدۇ، ئاممىنىڭ ئىتائەتچانلىقى ناچار، شۇڭا يۇقۇمنى تىزگىنلەش قىيىن بولۇۋاتىدۇ. دۆلىتىمىزدە بولسا، كۆپچىلىكنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىدىيە جەھەتتە ھوشيارلىقنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيمىز. ئەمما، مەن يەنىلا ئىشەنچ بىلەن ئېيتىمەنكى، ۋۇخەندە كۆرۈلگەندەك ئۇنداق چوڭ يۇقۇم ئەمدى يۈز بەرمەيدۇ، بىز ھازىر يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا خېلىلا تەجرىبىلىك بولۇپ قالدۇق.

شىنخۇا تورى: بەزى تورداشلار بىز ماسكىنى ئېلىۋەتكىلى خېلى ئۇزۇن بولدى، شۇنداقتىمۇ ناھايىتى بىخەتەر يۈرۈۋاتىمىز، شۇڭا ماسكا تاقاپ نېمە قىلىمىز، دېيىشمەكتە، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

گاۋ فۇ: ھازىر دۆلىتىمىزدە بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلار تارقاق ھالەتتە كۆرۈلۈۋاتىدۇ، مېنىڭچە قىشتا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇستىنلا ئەمەس، تارقىلىشچان زۇكام ۋە باشقا نەپەس يولى كېسەللىكلىرىدىن مۇداپىئەلىنىشتىمۇ ماسكا تاقىمىساق بولمايدۇ، شۇڭا بىز يەنىلا كۆپچىلىكنىڭ ماسكا تاقاپ يۈرۈشىنى، چوڭ يىغىلىشلارنى ئۆتكۈزمەسلىكىنى تەشەببۇس قىلىمىز. بىز بۇ يىل قىشتىكى سىناققا بەرداشلىق بېرىشىمىز كېرەك، كېلەر يىلى ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ ۋاكسىنا ئەملەش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىشى مۇمكىن، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ يەنىلا ماسكا تاقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

شىنخۇا تورى: قىش پەسلىدە ئامما قانداق مۇداپىئەلىنىشى كېرەك؟

گاۋ فۇ: يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى دەسلەپتە پەقەت كىچىك ئوت يالقۇنىغا ئوخشايدۇ، كىشىلەر توردىن مەلۇم جايدا يۇقۇم كۆرۈلگەنلىكىنى بىلىدۇ، لېكىن كۆپ ئۆتمەيلا ئۇنىڭ يوقالغانلىقىنى بايقايدۇ، بۇ بىزنىڭ ئاممىۋى سەھىيەنى ياخشىلاش تەدبىرىمىزنىڭ ياخشى بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. شەخسلەرنىڭ مۇداپىئەسىگە كەلسەك، بۇنىڭدا ئۈچ مۇھىم نۇقتا بار: بۇلارنىڭ ئىچىدە ماسكا تاقاش ئەڭ مۇھىم نۇقتا؛ ئىككىنچىسى باشقىلار بىلەن ئۇچراشقاندا بىر مېتىردىن ئارتۇق ئارىلىق ساقلاش؛ ئۈچىنچىسى، شەخسىي تازىلىقنى ياخشى قىلىش، بولۇپمۇ قولنى پات ـ پات يۇيۇپ تۇرۇش، بۇ ئەڭ ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر.

شىنخۇا تورى: كۆپ جايلاردا ئىمپورت قىلىنغان سوغۇق ساقلىنىدىغان يېمەكلىكلەرنى تەكشۈرگەندە نەتىجىسى مۇسبەت چىقتى، مۇشۇنداق ئەھۋالدا بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى يەنە يېسەك بولامدۇ؟

گاۋ فۇ: ھازىرچە سوغۇق ساقلىنىدىغان يېمەكلىكلەرنى چەكلەش كېرەكلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات يوق. كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىزكى، يېمەكلىكنىڭ ئۆزىدە بۇنداق ۋىرۇس يوق، ئىلمىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا بار ياكى يوق دەپ كېسىپلا ئېيتىش تازا مۇۋاپىق بولمىسىمۇ، ھازىرغىچە ئۇ يېمەكلىكلەرنىڭ ئۆزىدە بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتنى تاپالمىغانلىقىمىز مۇنازىرسىز ئەمەلىيەت. سىرتقى ئورالمىدىن ۋىرۇسنىڭ بايقىلىشى يېمەكلىكنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەش ئىشچىلىرى تەرىپىدىن بۇلغانغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، ساقلاش مۇھىتىنىڭ سوغۇق بولۇشى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ ئۇزۇن ساقلىنىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن. ھازىر دۆلىتىمىزگە يېمەكلىكلەرنى ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەرنى ئېكسپورت قىلىشتىن بۇرۇن تەكشۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇۋاتىمىز، ئىمپورت قىلىنغاندىن كېيىن دۆلىتىمىزمۇ قايتا تەكشۈرىدۇ.