5-دېكابىر سائەت 0 دىن 24 گىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە يېڭىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 18 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگەن يۇقۇملانغۇچى 17 (شاڭخەيدە 6، فۇجىيەندە 6، گۇاڭدۇڭدا 2، سىچۈەندە 1، يۈننەندە 1، شەنشىدە 1)، يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 1 (تىيەنجىندە)؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن قازا قىلغان بىمار يوق؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن گۇمانىي بىمار 2 بولۇپ، ھەممىسى چېگرا سىرتىدىن كىرگەن (شاڭخەيدە).
شۇ كۈنى يېڭىدىن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان بىمار 12، تېببىي كۆزىتىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار 717 بولۇپ، ئېغىر كېسەللەر ئالدىنقى كۈندىكى بىلەن ئوخشاش.
ھازىرغا قەدەر چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 246 (كېسىلى ئېغىر بىمار 4) ، ھازىر بار بولغان گۇمانىي بىمار 8. جەمئىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 3936، جەمئىي ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان بىمار 3690، قازا قىلغانلار يوق.
5-دېكابىر سائەت 24 گىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 279 (بۇنىڭ ئىچىدە كېسىلى ئېغىر بىمار 6)، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان بىمار جەمئىي 81 مىڭ 706، قازا قىلغان بىمار جەمئىي 4634، دوكلات قىلىنغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار جەمئىي 86 مىڭ 619، گۇمانىي بىمار 9. ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈلگەن يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار جەمئىي 883 مىڭ 72، 5540 يېقىندىن ئۇچراشقۇچى تېببىي كۆزىتىلىۋاتىدۇ.
31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ دوكلاتىدا يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى 2 (بىردەك چېگرا سىرتىدىن كىرگەن)؛ شۇ كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارغا ئۆزگەرگىنى 6 (بىردەك چېگرا سىرتىدىن كىرگەن)؛ شۇ كۈنى 11 بىمارنىڭ تېببىي كۆزىتىشى بىكار قىلىندى (چېگرا سىرتىدىن كىرگەن)؛ ھازىرغىچە تېببىي كۆزىتىلىۋاتقان كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى 234 (چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 227).
شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونلىرىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 7541. بۇنىڭ ئىچىدە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا 6802 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 5511، قازا قىلغىنى 112)، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا 46 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 46)، تەيۋەن رايونىدا 693 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 574، قازا قىلغىنى 7).