بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەر سائەت 4:00تە، 2020/2021 مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىسىدىكى مەستانىلەرنى تەقەززا قىلغان بىر مەيدان كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىشى نوكەمپو توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا يۇۋېنتۇس بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە يۇۋېنتۇس نۇقتا توپقا ئېرىشىپ، رونالدو نۇقتا توپنى كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، كەينىدىن ماككېننې بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە يۇۋېنتۇسنىڭ ئىككى توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ، يۇۋېنتۇس يەنە بىر قېتىم نۇقتا توپقا ئېرىشىپ، رونالدو نۇقتا توپنى تېپىپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى يەنىمۇ چوڭايتتى، يۇۋېنتۇس ھۇجۇم تەشكىللەپ، رونالدونىڭ تەپكەن توپى بونۇچچىنىڭ بەدىنىگە تېگىپ، قاپقىغا كىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما رىپېر بونۇچچىنى ئورۇن ھالقىغان دەپ ھۆكۈم قىلىپ، كىرگەن توپنى ئىناۋەتسىز قىلدى، مېسسىنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا يۇۋېنتۇس مېھمان مەيداندا 0:3 نەتىجىدە بارسېلونانى مەغلۇپ قىلدى، ئىككى كوماندا تەڭلا گۇرۇپپىدىن چىقتى، ئەمما يۇۋېنتۇس گۇرۇپپىدا ئىككىنچىلىكتىن بىرىنچىلىككە ئۆتتى.
مۇسابىقە باشلىنىپلا مېھمان مەيداندىكى يۇۋېنتۇس ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، رونالدونىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇۋالدى، مۇسابىقە باشلىنىپ 12 مىنۇت بولغاندا يۇۋېنتۇس بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، يۇۋېنتۇس ھۇجۇم تەشكىللەپ، رونالدو چەكلەنگەن رايون ئىچىدە بارسېلونا بېكى ئاراۋخو تەرىپىدىن يىقىتىۋىتىلدى، رىپېر نۇقتا توپقا ھۆكۈم قىلدى، رونالدو نۇقتا توپنى تېپىپ كىرگۈزدى، ئارىدىن سەككىز مىنۇت ئۆتكەندە مېھمان مەيداندىكى يۇۋېنتۇس يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، يۇۋېنتۇس ھۇجۇم تەشكىللەپ، كۇئادرادونىڭ ئوڭ تەرەپتىن پاس بېرىشى بىلەن ماككېننې قاپقا ئالدىدا توپنى يەرگە چۈشۈرمەيلا ھاۋادىن قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، بارسېلونا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، مېسسىنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، بۇنىڭدىن باشقا مېسسىنىڭ يەنە ئىككى قېتىم قاپقىغا تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇۋالدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە يۇۋېنتۇسنىڭ ئىككى توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى.
كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ مېھمان مەيداندىكى يۇۋېنتۇس ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 50 مىنۇت بولغاندا يۇۋېنتۇس يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى يەنىمۇ چوڭايتتى، يۇۋېنتۇس ھۇجۇم تەشكىللەپ، توپ چەكلەنگەن رايون ئىچىدە بارسېلونا بېكى لېنگلېتنىڭ قولىغا تەگدى، رىپېر نۇقتا توپقا ھۆكۈم قىلدى، رونالدو نۇقتا توپنى تېپىپ كىرگۈزدى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 76 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، يۇۋېنتۇس ھۇجۇم تەشكىللەپ، رونالدونىڭ تەپكەن توپى بونۇچچىنىڭ بەدىنىگە تېگىپ، قاپقىغا كىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما رىپېر بونۇچچىنى ئورۇن ھالقىغان دەپ ھۆكۈم قىلىپ، كىرگەن توپنى ئىناۋەتسىز قىلدى، مېسسىنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا يۇۋېنتۇس مېھمان مەيداندا 0:3 نەتىجىدە بارسېلونانى مەغلۇپ قىلدى.
ئىككى كوماندىنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مەيدانغا چۈشكەن ئاساسلىق ئەزالىرى:
بارسېلونانىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى: تېرستېگېن، دېست، ئاراۋخو، لېنگلېت، ئالبا، پيانىچ، دېيوڭ، پېدرى، ترىنكاۋ، گرېزمان، مېسسى
يۇۋېنتۇسنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى: بۇففون، ئالكىس ساندرو، بونۇچچى، دېلىگت، دانىلو، ئارتۇر، رامسېي، ماككېننى، كۇادرادو، موراتا، كرىستىيانو رونالدو