كرىستيانو رونالدونىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىنكى تۈرلۈك نەتىجىلىرى

ئەلكۈيى تورى
2020-12-09
來源:سىنا تورى

بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەر سائەت 4:00دە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچى ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە، ئىسپانىيە بىرلەشمىسى زەردارى بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا ئىتالىيە بىرلەشمىسى زەردارى يۇۋېنتۇسنى كۈتۈۋالدى، «قوش شاھ» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان مېسسى ۋە كرىستىيانو رونالدو ئۆز كوماندىلىرىنى باشلاپ چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم ئۇچراشتى.

مۇسابىقە باشلىنىپ 12 مىنۇت بولغاندا كرىستيانو رونالدو بىر نۇقتا توپ كىرگۈزۈپ، ئارقىدىنلا يۇۋېنتۇستىن ماككېننى بىر توپ كىرگۈزۈپ يۇۋېنتۇس ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئاللىقاچان 0:2 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە كرىستيانو رونالدو يەنە بىر قېتىم نۇقتا توپ كىرگۈزۈپ، ئاخىرىدا يۇۋېنتۇس 0:3 نەتىجىدە بارسېلونانى مەغلۇپ قىلدى ۋە گۇرۇپپىدا سەركىلىك ئورنىدا شاللاش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى توپ كىرگۈزگەندىن كېيىن، كرىستيانو رونالدو بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە تۆت مەيداندا تۆت توپ كىرگۈزۈش، شۇنداقلا كەسپىي ھاياتىدا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە 174 مەيدان مۇسابىقىدە 134 توپ كىرگۈزۈشتەك قالتىس نەتىجىنى ياراتتى. تۆۋەندە بىز بىرلىكتە بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن كرىستيانو رونالدونىڭ بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە رېكورتلىرىنى كۆرۈپ باقايلى:

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە كرىستيانو رونالدو بارسېلوناغا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى توپنى كىرگۈزدى.

كرىستيانو رونالدونىڭ كۇلۇبقا ۋاكالىتەن قاتناشقان مۇسابىقىلەردە كىرگۈزگەن توپ سانى 650كە يەتتى.

كرىستيانو رونالدو كەسپىي ھاياتىدا بارسېلونا بىلەن بولغان 34 مەيدان تۈرلۈك مۇسابىقىدە جەمئىي 20 توپ كىرگۈزدى.

كرىستيانو رونالدو كەسپىي ھاياتىدا مېسسى بىلەن ئۇچراشقان مۇسابىقىلەردە جەمئىي 21 توپ كىرگۈزدى.

كرىستيانو رونالدو نوكەمپودىكى يېقىنقى ئۈچ قېتىملىق مۇسابىقىدە ئۇدا توپ كىرگۈزدى.

كرىستيانو رونالدو كەسپىي ھاياتىدا نوكەمپودىكى مۇسابىقىلەردە جەمئىي 14 توپ كىرگۈزدى.

كرىستيانو رونالدو بۇ مۇسابىقە پەسلىدە 10 مەيدان ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە جەمئىي 12 توپ كىرگۈزدى.