ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى 16 كۈچلۈككە چەك تارتىش مۇراسىمىنىڭ شېتسارىيەنىڭ نيۇندا ئۆتكۈزىلىدىغانلىقىنى، چەك تارتىش ۋاقتىنىڭ ياۋروپا ۋاقتى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈش سائەت 12دە (بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى 19دا) ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
گۇرۇپپىدىن چىقىپ بولغان ئۇرۇق كوماندىلار: بايرېن مىيۇنخېن، مانچېستېر شەھىرى، لىۋېرپول، چېلسى، دورتمۇند، يۇۋېنتۇس
گۇرۇپپىدىن ئىككىنىچى بولۇپ چىققان كوماندىلار: پورتو، سېۋىللا، لازىئو، بارسېلونا
16 كۈچلۈككە چەك تارتىشتىكى پىرىنسىپلار:
1. گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىققان كوماندىلار ئۆز-ئارا ئۇچراشمايدۇ
2. گۇرۇپپىدىن ئىككىنچى بولۇپ چىققان كوماندىلار ئۆز-ئارا ئۇچراشمايدۇ
3. ئوخشاش بىر بىرلەشمىدىن كەلگەن كوماندىلار ئۆز-ئارا ئۇچراشمايدۇ
4. ئوخشاش بىر گۇرۇپپىدىن چىققان كوماندىلار ئۆز-ئارا ئۇچراشمايدۇ
5. گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىققان كوماندىلار ئالدى بىلەن مېھمان مەيداندا كېيىن ساھىبخان مەيداندا مۇسابىقىلىشىدۇ، گۇرۇپپىدىن ئىككىنچى بولۇپ چىققان كوماندىلار ئالدى بىلەن ساھىبخان مەيداندا كېيىن مېھمان مەيداندا مۇسابىقىلىشىدۇ.