خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، سەپەرگە چىقىش سۈرئىتىمۇ بارغانسېرى تېزلەشتى، سەپەرگە چىقىدىغان قاتناش قوراللىرىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، چوڭ شەھەرلەر ھەر خىل كىچىك ئاپتوموبىل قاتارلىق ئىلغار زامانىۋى قاتناش قوراللىرى بىلەن تولغان ھەمدە كىچىك ئاپتوموبىللارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيگەن، شۇنىڭ بىلەن شەھەر قاتنىشىنىڭ قىستاڭچىلىق سۈرئىتى تېزلەشكەن.
شەخسىي ئاپتوموبىللارنىڭ يىلدىن ـ يىلغا كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، جەمئىيەتتە قاتناش قىستاڭچىلىقى بىر چوڭ مەسىلىگە ئايلانماقتا. ئۇنداقتا جۇڭگودىكى ئەڭ قىستاڭ شەھەرلەر قايسى؟
1. بېيجىڭ شەھىرى
بېيجىڭ دۆلىتىمىزنىڭ پايتەختى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىقتىساد، مەدەنىيەت، سىياسىي مەركەزلەر زىچ توپلاشقان رايون. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بېيجىڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بارغانسېرى تېزلاشتى. بېيجىڭنىڭ ئاۋاتلىقى سانسىزلىغان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدۇ، لېكىن بېيجىڭدا قاتناش قىستاڭچىلىقى بىر چوڭ مەسىلە. بېيجىڭلىقلارنىڭ نەزىرىدە بىر سائەت ماشىنا توسۇلۇپ قېلىش ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا يەنە ئىككى ـ ئۈچ سائەت توسۇلۇپ قالىدۇ. سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بېيجىڭدا تەخمىنەن 6 مىليون 100 مىڭ ئاپتوموبىل بار، شۇڭا ئاپتوموبىل توسۇلۇپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ئەگەر دۆلەت ئىچىدە قاتناشقا چەك قويۇش سىياسىتى ئىجرا قىلىنمىسا، يولدا ئاپتوموبىل توسۇلۇپ قېلىش ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزۇن بولۇشى مۇمكىن.
2. چۇڭچىڭ شەھىرى
چۇڭچىڭ دۇنياغا داڭلىق تاغ-دەريا شەھىرى، ئۇنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى يەر شەكلى ئېگىز-پەس، قاتناش لايىھەسى مۇرەككەپ بولۇپ، ئىستېرېئولۇق تۇيغۇسى كۈچلۈك. باشقا جايلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا چۇڭچىڭ دەل سىرلىق ئوردا.
چۇڭچىڭ ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، بۇ يەرنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى ئەگرى-بۈگرى ھەم خەتەرلىك. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى چۇڭچىڭ تاغلىق شەھەر، بۇ يەرنىڭ% 70 يېرى ئاساسىي جەھەتتىن تاغلىق، تاغلىق رايوندا ئۆي سېلىش ئاسان ئەمەس! شۇڭا چۇڭچىڭ پەقەت تاغ باغرى ۋە سۇ بويىغا تايىنىپ بارلىق يەردىن، بارلىق بوشلۇقتىن ياخشى پايدىلىنىدۇ.
يەر شەكلى ئەگرى-توقاي بولۇپ ئىككى دەريا ئايرىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاپتوموبىللار مۇقەررەر ھالدا دەريادىن ئۆتىدىغان بىرقانچە چوڭ كۆۋرۈككە مەركەزلىشىدۇ، شۇڭا چۇڭچىڭنىڭ دەريادىن ئۆتىدىغان چوڭ كۆۋرۈكى قاتناشنىڭ مەركەزلىك توسۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ.
چۇڭچىڭ ئاساسىي شەھەر رايونىدا شەخسىي ئاپتوموبىللارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، چۇڭچىڭ ئاساسىي شەھەر رايونىدىكى يوللارنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئومۇميۈزلۈك زىچ ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈردى، ئاساسىي شەھەر يولىنى كېڭەيتىش ئىمكانىيىتى يوق دېيەرلىك، شۇڭا تېخىمۇ كۆپ ئاپتوموبىللار چەكلىك يولدا يىغىلىپ، قاتناش قىستاڭچىلىقىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.
3. خاربىن شەھىرى
خاربىندا قاتناش قىستاڭچىلىقى ئىنتايىن ئېغىر. چۈنكى خاربىن دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق مۇز شەھىرى بولۇپ، يىل بويى ناھايىتى ئۇزۇن بىر مەزگىل سوغۇق قىش پەسلىدە تۇرىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پەن ـ تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بۇ يەرنىڭ مېتروسى كەڭ ئېچىۋېتىلدى، مېترو قۇرۇلۇشى سەۋەبىدىن خاربىننىڭ قاتنىشى بەلگىلىك دەرىجىدە ياخشىلاندى، بىراق بۇ يەردە نوپۇس كۆپ، تېخىمۇ كۆپى يەنىلا شەخسىي ئاپتوموبىل بىلەن سەپەرگە چىقىدىغانلار، شۇڭا بۇ يەردە شەھەر قىستاڭچىلىقى زور دەرىجىدە تېزلىشىپ كەتكەن.