كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوغرى كىردىمۇ؟
كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىنىڭ باشلىقى سەيشەنبە كۈنى تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيەلىك داڭلىق ناتۇرالىست چارلىز روبېرت دارۋىن (Charles Robert Darwin) نىڭ ئىككى خاتىرە دەپتىرىنىڭ يوقاپ كەتكىنىگە كۆپ يىل بولغان بولۇپ، بۇ خاتىرە دەپتەر كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدىن ئوغرىلانغان بولۇىشى مۇمكىن ئىكەن.
بۇ ئىككى خاتىرە دەپتەرنى دارۋىن 1837-يىلى ئىشلەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭدا دارۋىننىڭ مەشھۇر« ھاياتلىق دەرىخى» نىڭ دەسلەپكى چېرتيوژىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىم ماتېرىياللار خاتىرىلەنگەن، بۇ دەسلەپكى تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسى توغرىسىدىكى كۆز-قاراش بايان قىلىنغان بولۇپ، غايەت زور تارىخىي ئەھمىيىتى بۇ ئىككى خاتىرە دەپتەرنىڭ مۆلچەر قىممىتىنى نەچچە مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزگەن.
بۇ قېتىمقى ئوغرىلىنىش 20 يىل بۇرۇنقى بىر ۋەقە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى دارۋىننىڭ بۇ ئىككى خاتىرە دەپتىرى ئالاھىدە ساقلاش ئۆيىدە ساقلانغان، ئالاھىدە ساقلاش ئۆيىدە ئەڭ ئاز ئۇچرايدىغان ۋە قىممىتى ئەڭ يۇقىرى كىتاب ۋە بۇيۇملار ساقلانغان.
2000-يىلى 9-ئايدا، بۇ ئىككى خاتىرە دەپتەر كۇتۇپخانىنىڭ ئالاھىدە ساقلاش ئۆيىدىن ئېلىپ چىقىلىپ، كۇتۇپخانىنى سۈرەتكە ئېلىش تەشۋىقاتىغا ئىشلىتىلگەن، ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن 2001-يىلى 1-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان دائىملىق تەكشۈرۈشتە، ئىككى خاتىرە دەپتەر قاچىلانغان كىچىك قۇتا (تەخمىنەن بىر ئاددىي مۇقاۋىلىق كىتاب چوڭلۇقىدا) ئۆز ئورنىغا قويۇپ قويۇلمىغان.
كامبرىج ئۇنىۋبرسىتبتىنىڭ كۇتۇپخانىسىدا تەخمىنەن 10 مىليون پارچە كىتاب، خەرىتە، قوليازما ۋە باشقا بۇيۇملار ساقلانغان. بولۇپمۇ دارۋىن خاتىرە دەپتىرى تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ساقلاش ئۆيىدە، سۇغۇرتا ئامبىرى 45 كىلومېتىردىن ئارتۇق كىتاب جازىسى ۋە نەچچە مىليون ھۆججەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن ھۆججەتلەر قۇتىغا سېلىنغان بولۇپ، بىر قېتىملىق مۇكەممەل ئىزدەشنى تاماملاشقا بەش يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدۇ.
گادنېر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بارلىق مەدەنىيەت ۋە يىغىپ ساقلاش ئاپپاراتلىرى يوقىتىپ قويغان بۇيۇملارنىڭ مەسىلىسىنى، شۇنداقلا يوقاپ كېتىش ۋە ئوغرىلىنىش ئېھتىماللىقىنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، چۈنكى بىزنىڭ بۇ قىممەتلىك بۇيۇملارنى ئىمكانقەدەر ئاممىغا ئېچىۋېتىش مەسئۇلىيىتىمىز بار.