12-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 17دە، جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتى شەرقىي شەھەر ئايلانما چوڭ ئەترىتىنىڭ قوماندانلىق ئىشخانىسى كۆرۈنمە چاستوتىلىق نازارەت قىلىپ چارلاش ئارقىلىق گەنچۈەنباۋ تۈگۈن باغلىما يولىنىڭ ئۇلانباي يۆنىلىشىگە قاراپ ماڭغان يۆنىلىنىشتە كىچىك تىپتىكى بىر قارا پىكاپنىڭ باغلىما يولنىڭ كىرىشكە ئايرىلىدىغان ئېغىزىدا توختىغانلىقىنى بايقىغان، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدىن كۆرۈلۈشىچە بۇ ئاپتوموبىل گەۋدىسىنىڭ 45 گىرادۇسلۇق ھالەتتە باغلىما يولنىڭ يۈرۈش يولىنى ئىگىلىۋالغانلىقىنى، ئاپتوموبىل گەۋدىسىنى تۈزلىگەندە خەلق ساقچىلىرى بۇ ئاپتوموبىلنى ماڭىدىغان بولدى دەپ تۇرغاندا، بىر ئېغىر تىپتىكى يېرىم ئاسما سۆرىگۈچى ئاپتوموبىل ئارقا تەرەپتىن باغلىما يولغا كىرگەن، ئەسلىدە بۇ ئاپتوموبىل باغلىما يولنى ئىگىلىۋالغان بولۇپ، باشقا ئاپتوموبىللار يول يۈرۈشكە ئامالسىز قالغان. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ شوپۇرى قوش چاقناش چىقىرىغىنى ياندۇرمىغان، ھېچكىم ئاپتوموبىلدىن چۈشمىگەن بولۇپ، يەنە تېخى ئاپتوموبىلنى ئارقىغا ياندۇرغان، ئارقىدىن ئۇلانباي تەرەپكە قاراپ ماڭغان.
ۋاڭ فامىلىلىك ئاپتوموبىلنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ھەيدەپ قائىدىگە خىلاپ توختاتقان ھەم ئاپتوموبىلنى ئارقىغا ياندۇرغان ئىككى تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش ئۇنىۋېرسال قوللىنىش سۇپىسى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، جەمئىي 400 يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، 18 نومۇر تارتىلغان.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى»، «موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش ۋە ئىشلىتىش بەلگىلىمىسى»گە ئاساسەن، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا تىجارەت خاراكتېرىدىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىدىن باشقا موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ يۈرۈش يولىدا ئاپتوموبىل توختىتىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى ئۈچۈن ئالتە نومۇر تارتىلىپ، 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئاپتوموبىلنى ئارقىغا ياندۇرۇش، تەتۈر يۆنىلىشتە ھەيدەش، مەركىزىي ئايرىش بەلبېغىنى كېسىپ ئۆتۈپ كەينىگە بۇراش قىلمىشلىرىنى سادىر قىلغان شەخسىي ئاپتوموبىلنىڭ شوپۇرىغا 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، 12 نۇمۇر تارتىلىدۇ، شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنىڭ دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلىدۇ.
يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچىلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا چىقىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئالدىن تەييارلىق قىلىپ، يول لىنىيەسىنى ئالدىن ياخشى پىلانلاش كېرەك، ئەگەر يول ئېغىزىدا خاتا ماڭغان بولسا، داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، ئالدى تەرەپتىكى باغلىما يولدىن مېڭىپ كەينىگە بۇرۇلغاندىن كېيىن توغرا يولنى بويلاپ ماڭسا بولىدۇ، ئېقىم بۆلۈش ئېغىزىدا خالىغانچە توختاشقا بولمايدۇ، نورمال يۈرۈۋاتقان ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزۈشكە تېخىمۇ بولمايدۇ! ئەگەر قاتناش ھادىسىسى ياكى ئاپتوموبىلدا كاشىلا كۆرۈلۈپ ئاپتوموبىلنى توختىتىشقا توغرا كەلسە، ئاپتوموبىلنى يول بويىغا توختىتىش، ئادەم دەرھال ئايرىلىش، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىش كېرەك.