فوكس ئاخبارات تورىنىڭ 8-چېسلادىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ يەر ۋاقتى دۈشەنبە كۈنى ئايرىم ھالدا 12 ياش ۋە يەتتە ياشلىق ئىككى نەۋرە ئاكا-سىڭىل نىيۇيورك شەھىرىدىكى ئۆيىدىن ئاتا-ئانىسىغا تەۋە لەند روۋېر ماركىلىق ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ چىقىپ كەتكەن، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ئاپتوموبىل يېڭى جېرسېي ئىشتاتى بىلەن دېلاۋار ئىشتاتىنىڭ چېگراسىغا يېقىن جايدا توختىغان.
خانىش رايونى 106-تارماق ئىدارىسىنىڭ ساقچىلىرى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 ئەتراپىدا ئوغرىلانغان ئاپتوموبىلنىڭ دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋالدى. بالىلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆيگە ئورنىتىلغان كۆزىتىش ئاپپاراتىنىڭ سىنئالغۇسىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، بۇ ئىككى بالىنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان. ساقچى تەرەپنىڭ بىر خەۋەرچىسى «نىيۇيورك كۈندىلىك خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرلىرىغا: «بالىلارنىڭ بۇ قىلمىشىغا توردا كۆرگەن بىرەر مۇناسىۋەتلىك فىلىم ياكى خەۋەرلەر سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن،ئۇلار ماشىنىنىڭ ماي باكى قۇرۇقدالغاندىن كېيىن ئاندىن توختىغان» دېدى.
بۇ 12 ياشلىق ئوغۇل بالا بىلەن يەتتە ياشلىق قىز ئاپتوموبىل بىلەن ستادون ئارىلىغا كىرگەندە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يولدىكى ھەر تۈرلۈك ماشىنا ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئىز قوغلاش ئېلىپ بارغان. خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ بالا يەنە قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىمنىڭ ئاپتوموبىلنى بىر چەتتە توختىتىش تەلىپىنى رەت قىلغان. يېڭى جېرسېي ئىشتاتىدىكى ساقچىلار بۇ ئاپتوموبىلنى توسۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن مۇۋەپپەقىيەتلىك توسۇپ توختىتالمىغان. بۇ ئىككى بالا يېڭى جېرسېي ئىشتاتى بىلەن دېلاۋار ئىشتاتىنىڭ چېگراسىغا يېقىن جايدىكى بىر دەم ئېلىش پونكىتىدا بايقالغان بولۇپ، ئۇلار ئۇ يەردە كىرېدىت كارتىسى ئارقىلىق پېچىنە سېتىۋالماقچى بولغان بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئورنى ئاشكارىلىنىپ قالغان.
ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بالىلاردا ھېچقانداق يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن، ئۇلار نىيۇيورك شەھىرىگە قايتۇرۇپ كېلىنىپ ساقچىلار بىلەن سۆھبەتلەشتى، نۆۋەتتە ۋەقەنى تەكشۈرۈش يەنىلا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.