خۇاۋېي يېقىندا تۇنجى ئۈستەل كومپيۇتېرى MateStation B515نى ئېلان قىلدى، بۇ كومپيۇتېرغا AMD Ryzen 4000 يۈرۈشلۈكىدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن. IT ئائىلىسى تورى بۈگۈن ئۇنىڭ R5 4600G تىپلىق نۇسخسىنى قولغا چۈشۈرۈپ، قاتتىق دېتال ئىقتىدارىنى سىنىغان.
Cinebench R20
سىناق جەريانىدا R5 4600Gنىڭ تاق يادرو ئىقتىدارى 490 نومۇر، كۆپ يادرو ئىقتىدارى 3585 نومۇرغا ئېرىشكەن، ئاساسىي جەھەتتىن R5 3600 بىلەن بىر سەۋىيەدە.
3DMark
R5 4600Gنىڭ يادرو كۆرسىتىش كارتىسى Time Spyدا 1066 نومۇرغا ئېرىشكەن، ئىقتىدارى MX 150-250 بىلەن ئاساسەن دېگۈدەك تەڭ سەۋىيەدە.
ئويۇن ئىتىدارىنى سىناش
«قەھرىمانلار ئىتتىپاقى» ئويۇنىنى قاچىلاپ ئېنىقلىقىنى 1080pغا، چاستوتىسىنى 100fps دەرىجىسىگە تەڭشەپ ئوينىغاندا، ناھايىتى راۋان ئىجرا بولغان.
پارامېتىرى جەھەتتە، R5 4600G ئالتە يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ، چاستوتا دائىرىسى 3.7GHz-4.2GHz؛ يادرو كۆرسىتىش كارتىسى Vega 7، چاستوتىسى يۇقىرى بولغاندا 1900MHzگە يېتىدۇ. گەرچە يادرو كۆرسىتىش ئېقىمىنى بىر تەرەپ قىلغۇچ سانى R5 2400Gدىكى Vega 11غا يەتمىسىمۇ، لېكىن ئىشلىنىش ھۈنەر-سەنئىتى تېخىمۇ ئىلغار، چاستوتىسى يۇقىرى، سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى Vega 11دىن يۇقىرى.
خۇاۋېي MateStation B515 جىڭدوڭ تورىغا چىقىرىلغان بولۇپ، AMD R5 4600G بىر تەرەپ قىلغۇچ، 8GB ئىچكى ساقلىغۇچ، 1TB HDD قاتتىق دىسكا سەپلەنگەن نۇسخىسىنىڭ باھاسى 3599 يۈەن.