1958-يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدىكى دېھقان قۇربان تۇلۇم ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭگە كەلگەنىدى، 62 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە كېرىيەدىكى ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمىدا سىناق ئۇچۇش ئوڭۇشلۇق تاماملاندى، 26-دېكابىر رەسمىي قاتناش باشلىنىدۇ.
7-دېكابىر، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بوئېن B737-800 تىپلىق بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، UQ2001 نۆۋەتچىلىك سىناق ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدى
ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بوئېن B737-800 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى 7-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى دىۋوپو خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، كېرىيە ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمىغا قونۇپ، سىناق ئۇچۇش خىزمىتىنى تاماملىدى.
شۇ كۈنى، ئۈچ سائەتكە يېقىن سىناق ئۇچۇش ئارقىلىق، كېرىيە ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمىدىكى سىناق ئۇچۇش ۋەزىپىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، پات ئارىدا قاتناش باشلاشقا پۇختا ئاساس سالدى.
سىناق ئۇچۇش خىزمىتى ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىدىن تىجارەتكە كىرىشىشتىكى مۇھىم ھالقا. بۇنىڭدا ئاساسلىقى پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىدە بەلگىلەنگەن ئايروپىلان يېڭىدىن قۇرۇلغان ئايرودۇرۇمدا نورمال قونۇش ۋە ئۇچۇشنى تاماملايدۇ. بۇ ئارقىلىق ئايرودۇرۇمنىڭ ئۇچۇش تەرتىپى، كاپالەت ئىقتىدارى ۋە تۈرلۈك قاتناش شارائىتى سىنىلىدۇ. بۇ يەنە مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى بولۇپ، ئايرودۇرۇمدا قاتناش باشلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بوئېن B737-800 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، UQ2001 نۆۋەتچىلىك سىناق ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدى. شۇ كۈنى سائەت 10 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بۇ يولۇچىلار ئايروپىلانى كېرىيەدىكى ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمىغا سىلىق قوندى
ئايروپىلان ئۈچ سائەتكە يېقىن سىناق ئۇچۇش ئارقىلىق كېرىيە ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمىغا سىلىق قوندى، سىناق ئۇچۇش خىزمىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى. بۇ قېتىمقى سىناق ئۇچۇش نەتىجىسىگە قارىغاندا، كېرىيە ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمىنىڭ تۈرلۈك پارامېتىرى ۋە كۆرسەتكۈچى نورمال، ئالاقىدار ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەر كەسىپ قائىدىسى تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئايروپىلانلىرىنىڭ قاتناش شارائىتىنى ھازىرلانغان.
كېرىيە ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشى 2019-يىلى 25-ئۆكتەبىر رەسمىي باشلانغان بولۇپ، بۇ قارارلىق قۇرۇلۇش 2025-يىلىغا بارغاندا يولۇچى توشۇش مىقدارىنى 180 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا، يۈك ۋە پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارىنى 400 توننىغا يەتكۈزۈش تەلىپى بويىچە لايىھەلەنگەن، ئۇچۇش رايونىنىڭ دەرىجە كۆرسەتكۈچى 4C.
ئاساسلىق قۇرۇلۇش ئۇزۇنلۇقى 3200 مېتىر، كەڭلىكى 45 مېتىر كېلىدىغان بىر يۈرۈش يولى، ئاساسلىق قونۇش يۆنىلىشىدىكى I تۈرلۈك نازۇك يېتەكلەش سىستېمىسى، 3010 كىۋادرات مېتىرلىق ئاۋىياتسىيە بىناسى ۋە ئالتە ئايروپىلان توختىتىش ئورنى، بىر مۇنار سۇپىسى ۋە 782 كىۋادرات مېتىرلىق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش بىناسى، شۇنداقلا ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش، ماي بىلەن تەمىنلەش، توك بىلەن تەمىنلەش، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش قاتارلىق يانداش ئەسلىھە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ قۇرۇلۇشقا 771 مىليون 900 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان.
كېرىيە ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمى
ئىگىلىنىشىچە، كېرىيە ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمى دۆلەت، جۈملىدىن ئاپتونوم رايون، خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ 13-بەش يىللىق يىرىك پىلانىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ۋە ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى بولۇپلا قالماي، يەنە خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتىكى نۇقتىلىق قوللاش تۈرى ئىكەن.
كېرىيە ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمى شۇ جاي ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردىكى ئامما، شۇنداقلا مەبلەغ سالغۇچىلارنى بىخەتەر، ئازادە، قولايلىق قاتناش شارائىتى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، بۇ ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەر ۋە ئىچكىرىدىكى شەھەرلەر بىلەن بولغان ئارىلىقنى قىسقارتقىلى، ساياھەتچىلىك ۋە ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.