يېقىندا، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى T2 ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ پورتقا كىرىش شەرق تەرىپىدىكى ئۆتەڭ رايونىدا، تۇنجى« ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان» ھاجەتخانا ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى.
12 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى مۇلازىمەت باشقۇرۇش كومىتېتى) ئايروپورت رايونى باشقۇرۇش بۆلۈمى (دىن ئىگىلىشىچە، بۇ تازىلىق ئۆيىدە بوش ئورۇننى ئىزدەش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېتەكلەش، سانلىق مەلۇماتلارنى ئىستاتىستىكا قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدار بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ھازىر ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدىكى ئۈچ ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ ئىچكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئىقتىدارى ئەڭ تولۇق، ھاجەتخانا ئورنى ئەڭ كۆپ ھاجەتخانا ئىكەن.
بۇ قېتىمقى تازىلىق ئۆيىنى ئۆزگەرتىشتە« ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېتەكلەش سىستېمىسى» كىرگۈزۈلدى، تازىلىق ئۆيىنىڭ سىرتىدىكى چوڭ ئېكران ھاجەتخانا ئورنىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالى، تازىلىق ئۆيىنىڭ ھاۋاسىنى ساپلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ، يىراق ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق ئىستاتىستىكا ئەسۋابى ھاجەتخانىنىڭ ئىشلىتىلىش چاستوتىسىنى دەل جايىدا تەھلىل قىلالايدۇ، تازىلىق ئىشچىلىرى ئېكران ئارقىلىق تازىلىق ۋاقتى ۋە قېتىم سانىنى مۇۋاپىق تەڭشىيەلەيدۇ.
دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى تازىلىق ئۆيىنىڭ« رەڭگى چىرايلىق» بولۇپلا قالماي، ئىچكى ئەسلىھەلىرىمۇ خېلى تولۇق بولۇپ، ئەينەك ئالدى چىرىغى، ئايرىم قول يۇيۇش سۇپىسى، بىر گەۋدىلەشكەن ئىندۇكسىيەلىك سوپۇن سۇيۇقلۇقى ماشىنىسى جۈمىكى، بوۋاقلارنى ئمىتىش سۇپىسى، بوۋاقلارنىڭ بىخەتەر ئورۇندۇقى، شۇنداقلا ئەر-ئاياللارنىڭ تازىلىق ئۆيىدىكى ھاجەتخانا سانىنىڭ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەممە جايدا ئەلا بولغان مۇلازىمەتنى نامايان قىلدى.