شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ يەككە بىناكارلىق قۇرۇلۇش تۈرى بولغان ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى يېقىندا ئۇل سېلىنچا قەۋىتىنى قۇيۇش خىزمىتىنى تاماملىدى، كۆلىمى 500 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان قۇرۇلۇش سۇبيېكتى T4 ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى
12 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى T4 ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ جەنۇبىي يۆنىلىش كارىدورى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، جۇڭگو بىناكارلىق قۇرۇلۇشى 3 ـ ئىدارىسىنىڭ ئىشچىلىرى بېتون قۇيماقتا.
شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى T4 ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ جەنۇبىي يۆنىلىش كارىدورى 2020 ـ يىلى ئەڭ ئاخىرقى بىر تەرەپنىڭ بېتوننى قۇيۇش خىزمىتى تاماملىنىپ، 1 ـ بۆلەكتىكى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلمىسى تۇتاشتۇرۇلۇپ، كېلەر يىللىق ئىمارەت سىرتىغا قۇراشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاساس سېلىندى. ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭىدىن قۇرۇلغان T4 ئاۋىياتسىيە بىناسى، ئىككى ئۇچۇش ـ قونۇش يولى ھەم ئۇنىۋېرسال قاتناش مەركىزى ۋە يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.