نۇرغۇن ۋاقىتلاردا ئاددىي بىر كۆرۈنۈش نۇرغۇن سۆزلەرنى بېسىپ چۈشىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرى ۋە خىياللىرىنى قوزغايدۇ. مەسىلەن، بىر قىسىم فوتوگرافلار تارتقان سۈرەتلەر تور دۇنياسىدا ناھايىتى كەڭ تارقالغان بولۇپ، ھەتتا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىلەرنى مۇلاھىزە قىلىۋاتىدۇ ۋە پەرەز قىلىۋاتىدۇ. رېئاللىق شۇكى، بەزى سۈرەتلەرنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىلەر ھەتتا كىشىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ، تەسىرلەندۈرىدۇ. تۆۋەندە كۆپچىلىككە دۇنيادا كەڭ تارقالغان ئالتە پارچە سۈرەتنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز!
1. ھايات-ماماتلىق جەڭ
ناھايىتى ئېنىقكى بۇ سۈرەتتىكى بولسا بىر ئەسكەر بولۇپ، ئەگەر ئىنچىكە تەپسىلاتلارغا دىققەت قىلساق، ئەسكەرنىڭ قالپىقىدىكى «ئۇرۇش» دېگەن ئىنگلىزچە خەتنى كۆرەلەيمىز. بۇ سۈرەتنى 1965-يىلى ۋىيېتنام ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گېرمانىيەلىك داڭلىق فوتوگراف خوست فاس تارتقان بولۇپ، سۈرەتتىكى ئەرنىڭ ئىسمى لېيرى ۋېئىن چافېن بولۇپ، ئۇنىڭ باش كىيىمىگە يېزىۋالغان خېتىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ئۇرۇشقا بولغان نەپرىتىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ، بۇ چاغدا ئۇ ئاران 19 ياشقا كىرگەن. بۇ سۈرەت 2012-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن كىشىلەر تەرىپىدىن كەڭ دائىرىدە ھەمبەھىرلەنگەن. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ نورمال ئادەملەردەك تۇرمۇش كەچۈرەلمىگەن، ئۇرۇشتىن كېيىنكى جاراھەت يىغىندى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان. كېيىن ئۇ 39 ياشقا كىرگەن يىلى، دىيابېت كېسىلى بىلەن قازا قىلغان.
2. 23 سائەتلىك ئوپېراتسىيە
بۇ سۈرەت 1987-يىلى تارتىلغان، سۈرەتتىكى دوختۇرنىڭ ئىسمى زىبىگنېف لېلىگا بولۇپ، پولشانىڭ يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيە پېشۋاسى ئىدى. بۇ سۈرەت تارتىلغان مەزگىللەردە، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خىل ئوپېراتسىيەگە ئىشەنمىگەن، ھەتتا نۇرغۇن قارشى پىكىرلەر پەيدا بولغان. ئۇ غايەت زور بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ، ئۇدا 23 سائەت ئوپېراتسىيە قىلغاندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ئۇ 23 سائەتكە سوزۇلغان خەتەرلىك ئوپېراتسىيەدىن كېيىنمۇ يەنىلا بىمارنىڭ ئەھۋالىنى كۆزەتكەن، ئۇنىڭ ياردەمچىسى بەك چارچاپ كەتكەنلىكتىن بۇلۇڭدا ئۇخلاپ قالغان.
3. چاڭ-توزاندا قارىداپ كەتكەن بالا
بۇ سۈرەتنى بېنگالدىكى فوتوگراف سېزاد نورانى تارتقان. بۇ كۆرۈنۈشتە بىر ئايال بالىسىنى قۇچاقلاپ تۇرغان بولۇپ، ئانا-بالا ئىككىيلەن كاربون توزانلىرى بىلەن قارىداپ كەتكەن. داككا شەھەر ئەتراپىدىكى كولارگاتنىڭ خىزمەت ئۆيىدە چاڭ توزان ۋە بۇلغىنىش سەۋەبىدىن يۇقۇملىنىپ بىر كىشىنىڭ بۇرۇنى قاناپ كەتكەن. ئۇ يەردە نۇرغۇن ئاياللار بالىلىرىنى ئېلىپ يۈرىدىغان بولۇپ ئۇلار خىزمەت ۋاقتىدىمۇ بالىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ.
4. مالىمانچىلىققا پىسەنت قىلماي سۆيۈشۈش
بۇ سۈرەت ئىلگىرى توردا بىر مەھەل مودا بولغان، ھەتتا دۇنيادىكى نۇرغۇن داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ باش بېتىگە بېسىلغان بولۇپ، كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى قالايمىقان مۇھىتتا بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقلار يەردە يېتىپ سۆيۈشمەكتە. بۇ سۈرەتنى فوتوگراف رىچارد لىن تارتقان. بۇ كۆرۈنۈش بولسا 2011-يىلى كانادانىڭ ۋانكۇۋېردا يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىق بولۇپ، ئىگىلىنىشىچە شۇ چاغدا سۈرەتتىكى ئايال قالايمىقانچىلىقتا يەرگە يىقىلىپ چۈشكەن، ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى ئۇنى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن سۆيۈپ قويغان.
5. يەر تەۋرىگەندىن كېيىن
بۇ سۈرەت 2005-يىلى پاكىستاندا يەر تەۋرەپ بىر ئايدىن كېيىن تارتىلغان. يەر تەۋرەش ئۆتۈپ كەتكىلى خېلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەرگە نىسبەتەن ئاپەت تېخى ئاخىرلاشمىغان. چۈنكى قىش يېتىپ كېلىش ئالدىدا كىشىلەر يەنىلا تاغدىن چۈشۈپ پاناھلىنىش ئورنى ئىزدىگەن ھەمدە شۇ جەرياندا يارىلانغان. سۈرەتتىكى دادا ۋە ئۇنىڭ بالىسى بىر ئاي ئەتراپىدا ئىزچىل تۈردە يېمەكلىك ۋە تۇرىدىغان جاي ئىزدىگەن.
6. ئالبوم
ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ سۈرەت 2008-يىلى ۋېنچۈەندە يۈز بەرگەن قاتتىق يەر تەۋرەشتە تارتىلغان بولۇپ، سانسىزلىغان ھايات قالغۇچىلار بۇ ئاپەتتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان بولۇپ، بۇ سۈرەتتىن بىر ئەرنىڭ خارابىلىكتىن بىر ئالبومنى تېپىۋالغانلىقىنى ھەمدە سۈرەتتىكى يېقىنلىرىنىڭ ئۇنىڭدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغانلىقىنى ئويلاپ ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.