ھەر يىلى 8-ئاينىڭ باشلىرىدىن 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا، جەنۇبىي يېرىم شاردىكى ئاۋسترالىيە خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى «چوڭ دۈشمىنى» گە دۇچ كېلىدۇ. لېكىن بۇ دۈشمەن قارا تۇل خوتۇن ئۆمۈچۈككە ئوخشاش ئۆتكۈر زەھەرلىك ۋە ياكى تىمساھ بىلەن بوغما يىلانغا ئوخشاش ۋەھشىي ياۋايى ھايۋان ئەمەس بولۇپ، بەلكى بىز ئادەتتە بىر قەدەر كۆپ ئۇچرىتىپ تۇرىدىغان، يەنە كېلىپ نەزىرىمىزدە بىر خىل پايدىلىق قۇش-«خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى» دەپ ئاتالغان سېغىزخاندۇر!
يەرلىكتىكى بۇ خىل ئۆزگىچە سېغىزخان نەسلىنىڭ نامى « ئاۋسترالىيە قارا دۈمبىلىك سېغىزخانى » (Australian magpie) بولۇپ، قىسقارتىلىپ «ئاۋسترالىيە سېغىزخانى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھەر قېتىم مۇشۇ ۋاقىتتا، ئاۋسترالىيە پۇقرالىرى سىرتقا چىققاندا ئادەتتىن تاشقىرى ھوشيار بولۇپ كېتىدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئاۋسترالىيە سېغىزخانلىرى ھەر ۋاقىت ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن. بۇ خىل ھۇجۇم بوشلۇقتىن شۇڭغۇپ چۈشۈش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، «غەزەپلەنگەن قۇش» ئويۇنىنىڭ رېئال نۇسخىسى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىغا ئېلىش تاختىسىغا ئايلىنىپ قالغان كىشىلەر بىر قېتىملىق تەلۋىلەرچە چوقۇلاش ھەرىكىتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ.
ئاۋسترالىيە سېغىزخانلىرىنىڭ كۆزىگە سىغمىغانلا بولسىڭىز، مەيلى پىيادە مېڭىۋاتقان بولۇڭ ۋە ياكى ۋېلىسىپىت ھەيدەۋاتقان بولۇڭ، ئىشقىلىپ سىرتقا چىقىشقا جۈرئەت قىلالىسىڭىزلا، سېغىزخاننىڭ قوغلاپ چوقۇۋېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىسىز.
ئەلۋەتتە بىر قىسىم ئالاھىدە خىزمەتتىكى كىشىلەر كوچىغا چىقماي ئامال يوق بولۇپ، مەسىلەن ئۇياقتىن-بۇياققا چېپىپ يۈرىدىغان پوچتالىيونلار ۋە مال يەتكۈزگۈچىلەر سېغىزخانلارنىڭ دائىملىق زىيانكەشلىككە ئۇچراتقۇچىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئاۋسترالىيەدىكى سېغىزخاننىڭ ئادەم چوقۇلاش ۋەقەسى شۇ جايدىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىستاتىستىكا تور بېكەتلىرىنىڭ ئېچىلىشىغا سەۋەبچى بولدى.
Magpie Alert ناملىق بىر تور بېكىتىنىڭ ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل ئاۋسترالىيەدە 4600 دىن ئارتۇق ئادەم سېغىزخاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان! بۇنىڭ ئىچىدە %70 زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋېلىسىپىت مىنگەن بولۇپ، %5 ئادەم سەيلە قىلىش جەريانىدا يارىلانغان، يەنە %2 ئادەم بولسا ئىتىنى ئايلاندۇرۇۋاتقاندا سېغىزخانلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. بۇ 4600 ئادەمنىڭ ئىچىدە جەمئىي 600 ئادەم ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يارىلانغان.
ئاۋسترالىيە سېغىزخانىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان كىشىلەر ئۆزىنى توپقا تۇتۇلغاندەك ھېسسىياتقا كېلىپ قالىدۇ. سېغىزخانلار ھۇجۇم قوزغىغان ھامان، ھەمىشە ئوخشاش بىر ئادەمنى تەلۋىلەرچە چوقۇلايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا، ھايۋاناتشۇناسلار تەتقىقات ئارقىلىق، ئاۋسترالىيە سېغىزخانىنىڭ ئادەم يۈزىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ چىراي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدار خۇددى ئالما يانفونىنىڭ چىراي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئوخشاشلا كىشىنى شۇنچىلىكى ھەيران قالدۇرىدىكەن.
ئاۋسترالىيە سېغىزخانى ئادەتتە جۈپ-جۈپ بولۇپ ئوخشاش بىر رايوندا 20 يىل ياشايدىغان بولۇپ، بۇنچىلىك ئۇزۇن ئارىلىقتا ئۇلارغا ئەتراپتىكى ھەر كۈنى كىرىپ-چىقىپ تۇرىدىغان ئاھالىلەرنىڭ چىرايى تونۇش بولۇپ كېتىدىكەن. لېكىن بايرام ۋە پائالىيەتلەردە ئوخشىمىغان جايلاردىن كەلگەن كىشىلەر توپلىنىدىغان بولغاچقا، بەزىدە ئۇلارنىڭ ئەستا ساقلاش ئىقتىدارىمۇ سەل قالايمىقان بولۇپ كېتىدىكەن ھەم ئۆزى ئەزەلدىن تونۇيدىغان كىشىلەرنىمۇ يات ئادەم دەپ ئويلاپ قالىدىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەڭ مۇھىم سەۋەب، بىرەيلەننىڭ سېغىزخاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ سېغىزخاننىڭ ئۇۋىسىغا يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئادەتتە سېغىزخانلار ئۇۋىسىغا 80 مېتىرچە يېقىنلاشقان كىشىلەرنى تەھدىت بىلىپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىدىكەن.
ئۇلارنىڭ ئادەمنى بۇنداق چوقۇلىشى ئەمەلىيەتتە بىر خىل ئۇۋىسىنى جان تىكىپ قوغداشتەك پىداكىرانە روھى بولۇپ، بەزىدە ھەتتا بىر توپ سېغىزخان ياردەمدە بولۇپ، «دۈشمەن»گە بىرلىكتە قارشى تۇرىدىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە 8-ئايدىن 10-ئايغىچە بولغان ۋاقىت دەل ئۇلارنىڭ كۆپىيىش پەسلى بولغاچقا، شۇڭا سېغىزخانلارنىڭ ئادەم يارىلاندۇرۇش ۋەقەلىرىمۇ كۆپ يۈز بېرىدىكەن. شۇڭا ھەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا، ھەر قايسى جايلاردىكى شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر مەخسۇس «ئاۋسترالىيە سېغىزخانلىرىنىڭ ماكانى» ئەتراپىغا ئادەم ئەۋەتىپ ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسى تىكلەيدىكەن.
كىشىنى ئەڭ بىئارام قىلىدىغىنى، ئاۋسترالىيە پۇقرالىرىنى سېغىزخان چوقۇۋالسىمۇ لېكىن ئۇلار قول ياندۇرالمايدۇ. چۈنكى سېغىزخان ئاۋسترالىيەدە قوغدىلىدىغان ھايۋانغا تەۋە بولۇپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش، سېغىزخان تۇخۇمىنى ئوغرىلاش ۋە سېغىزخان بالىلىرىنى زەخىملەندۈرۈش قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسى قانۇنغا خىلاپ!
ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزىلەر كالتەك ياكى تاش ئېتىش ئۇسۇلى بىلەن ئۇلارنىڭ ئۇۋىسىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىش خىيالىدا بولغان تەقدىردىمۇ، بۇنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمىغان بولۇپ، سېغىزخانلار بۇ خىل ھۇجۇملاردىن جانلىق ھالدا ئۆزىنى چەتكە ئېلىپلا قالماي، يەنە ھۇجۇم قوزغىغانلارنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇۋېلىپ، تېخىمۇ قاتتىق چوقۇلايدىكەن.
شۇڭا ئەگەر ئاۋسترالىيە سېغىزخانىنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ قالسا ئەڭ ياخشىسى قېچىپ قۇتۇلۇش كېرەك. ئەگەردە قېچىپ قۇتۇلۇشقا كۆزىڭىز يەتمىسە، بۇ كىشىلەرگە ئوخشاش غەلىتە قالپاقلارنى كىيىۋالسىڭىز، سېغىزخانلارنىڭ سىزنى چوقۇلاشقا كۆزى يەتمەيدۇ.