نوبېل مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى توردا ئېلىپ بىرىلدى.

ئەلكۈيى
2020-12-11
來源:مەركىزى تىلۋىزىيە ئىستانسى تورى



شۇ يەر ۋاقتى 2020- يىلى 12- ئاينىڭ 10- كۈنى، شىۋېتسىيەنىڭ ستوكھولم، 2020- يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى، خىمىيە مۇكاپاتى، فىزىيولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتى، ئەدەبىيات مۇكاپاتى ۋە ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى يېڭى تاجسىمان   يۇقۇم   سەۋەبىدىن توردا ئۆتكۈزۈشكە   ئۆزگەرتىلدى، پائالىيەت ئورنى تۇنجى قېتىم شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولم شەھەر مەمۇرىيىتى زالىغا ئۆزگەرتىلدى.

无标题发顺丰.png

12-ئاينىڭ 10-كۈنى شىۋېتسىيە ئالىمى نوبېلنىڭ ۋاپات بولغان خاتىرە كۈنى. 1901-يىلىدىن باشلاپ، ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى تۈپەيلىدىن ئۈزۈلۈپ قالغاندىن باشقا، ھەر يىلى مۇشۇ كۈنى نوبېل مۇكاپاتى تەشكىلىي كومىتېتى شىۋېتسىيەنىڭ ستوكھولمدا داغدۇغىلىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. يېڭى تاجسمان يۇقۇم ئەھۋالى ئەۋج ئالغاچقا، 2020-يىلى نوبىل مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى توردا ئۆتكۈزۈشكە ئۆزگەرتىلدى، مۇكاپات تارقىتىش زىياپىتىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئەنئەنە بۇزۇپ تاشلاندى.

无标题发顺丰.png