مۆتىۋەرلەرمۇ ئەمىلىيەتتە «نام-مەنپەئەت» لىباسىغا ئورۇنىۋالغان بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت رەھبىرى بولۇش ئۈچۈن، بايدېن بىلەن تىرامپتىن ئىبارەت بۇ ئىككى«مۆتىۋەر» ئاجايىپ «چارە-تەدبىر»لەر بىلەن، خەلقئارا سەھنىدە ئۈزلۈكسىز ئويۇن كۆرسەتمەكتە! جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى، دېموكراتلار پارتىيەسى، ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسىدىن كېيىن، ئامېرىكا فېدېراتسىيەسىدىكى ھەرقايسى ئىشتاتلارمۇ «قۇرۇق تالاش-تارتىش» قالايمىقان ئۇرۇشىغا قاتنىشىدىغان بولدى.
بايدېننىڭ بۇ قېتىم بېشى ھەقىقەتەن بەك قاتتى، بېسىمى ناھايىتى ئېغىر ئىدى.
ئامېرىكىنىڭ 18 ئىشتاتى سايلامنىڭ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئەيىبلىدى
«بۈگۈنكى رۇسىيە» (RT) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تېكساس ئىشتاتى ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، تۆت تەۋرەنمە ئىشتاتنىڭ سايلام نەتىجىسى توغرىسىدا ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغاندىن كېيىن، بۇنىڭغا يەنە 17 ئىشتات قوشۇلۇپ، سايلام نەتىجىسىدىن گۇمانلانغان.
تېكساس ئىشتاتىنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى جورجىيە ئىشتاتى، مىچىگان ئىشتاتى، پېنسىلۋانىيە ئىشتاتى ۋە ۋىسكونسىن ئىشتاتىنىڭ سايلام نەتىجىسىدە مەسىلە بار دەپ قارىدى. چۈنكى زۇڭتۇڭ سايلىمى كۈنى يەنى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى تىرامپنىڭ ئېرىشكەن سايلام بېلىتى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بىر كېچىدىلا كىشىلەر قاتتىق ئۇخلاۋاتقاندا بايدېننىڭ بېلىتى زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن.
بېلەت ھېسابلاش مەركىزىدىكى كىشىلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇنىڭدا سايلام بېلىتىنى پوچتىدىن ئەۋەتىش زور رول ئوينىغان بولسىمۇ، لېكىن تىرامپ ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ نەزىرىدە بۇ خىل ئەھۋال ھەقىقەتەن ئەقىلگە سىغمايدىكەن.
تېكساس ئىشتاتىنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى بۇ مەسىلە توغرىسىدا گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغاندىن كېيىن، مىسسۇرى ئىشتاتى، ئاركانزاس ئىشتاتى، كانزاس ئىشتاتى قاتارلىق 17 ئىشتاتنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرلىرىمۇ شۇ يەر ۋاقتى 9-دىكابىر ئالىي سوت مەھكىمىسىگە پىكىر سۇندى.
دېمەك، ھازىر 18 ئىشتات تەۋرەنمە ئىشتاتلارنىڭ سايلام نەتىجىسىدىن گۇمانلىنىۋاتىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار بايدېننىڭ سايلىنىشىغا قارشى تۇرىدۇ.
بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟
1. مۇخبىر بايدېننىڭ سايلىنىشىغا قارشى تۇرغان 18 ئىشتاتنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكى بېلەت تاشلاش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، بۇ ئىشتاتلارنىڭ ئاساسەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ مۇقىم بېلەت ئامبىرى ئىكەنلىكىنى بايقىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى بايدېننىڭ سايلىنىشىغا قارشى تۇرۇشى ئەمەلىيەتتە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى قوزغىغان بىر قېتىملىق خىرىس.
ئۇنداقتا بۇ يەردى مۇنداق بىر مەسىلە كىلىپ چىقىدۇ يەنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ «بېلەت ئامبىرى» بولغان ئىشتاتلار ئىش چىقارسا، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ «بېلەت ئامبىرى» قاراپ تۇرامدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئېنىق، دېموكراتلار پارتىيىسىنى قوللايدىغان ئىشتاتلارمۇ چوقۇم ئۇزاق ئۆتمەي «جەڭ مەيدانىغا» كىرىدۇ!
شۇڭا بۇ 18 ئىشتاتنىڭ بايدېننىڭ سايلىنىشىغا قارشى تۇرۇشىىنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى ئامېرىكىدىكى نەچچە ئون ئىشتاتنىڭ «قالايمىقان ئۇرۇشلىرى» نى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ئىبارەت.
2. بۇ ئىشتىن بىز ئوخشاشلا شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، تىرامپنىڭ رەھبەرلىك كۈچى ۋە تەسىر كۈچىگە يەنىلا سەل قاراشقا بولمايدۇ. تىرامپنى قوللايدىغان ئاشۇ ئامېرىكىلىقلار تىرامپنىڭ «سادىق ئەگەشكۈچىلىرى» بولۇشنى چىن كۆڭلىدىن خالايدۇ ۋە ئارزۇ قىلىدۇ.
گەرچە يۇقۇم ئۇلارنىڭ 280 مىڭ قېرىندىشىنى ئۆلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا تىرامپنىڭ داۋاملىق زۇڭتۇڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، 18 ئىشتات سايلام نەتىجىسىدىن گۇمانلاندى، كېيىن بايدېن ئاقسارايغا كىرىپ ئامېرىكىغا رەھبەرلىك قىلغان تەقدىردىمۇ بۇ ئىشتاتلارنىڭ كۈچلۈك قارشىلىققا ئۇچرايدۇ.
2. تېكساس شتاتى مۇستەقىللىق دەۋاسى قىلامدۇ؟
18 ئىشتاتنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراپ، بايدېننىڭ بېسىمى «تاغدەك ئاشتى»، ئەمما بۇنىڭدىنمۇ يامان ئاقىۋەت تېخى كەينىدە! ئامېرىكا رادىئو شىركىتىنىڭ 10-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تېكساس ئىشتاتىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ئامېرىكىدىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە بۇ تەپنى پۈتۈن ئىشتاتتا ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان «پالۋان» بىدمان بولۇپ، ئۇ بىر باياناتىدا: «فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى كونتروللۇقىنى يوقاتتى، ھازىرقى ئەھۋال تېكساسلارنىڭ قىممەت قارىشىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. شۇڭا مەن بۇ نۆۋەتلىك ئىشتات پارلامېنتىدا قانۇن تۇرغۇزۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇشقا رۇخسەت قىلىشنى، تېكساسلىقلارنىڭ تېكساس ئىشتاتىنى قوللاپ بېلەت تاشلاپ، ئۇنىڭ بىر مۇستەقىل دۆلەت بولۇش ئورنىنى قايتا تەكىتلىشىنى قارار قىلدىم» دېدى.
تېكساس ئىشتاتىنى ئامېرىكىدىن ئايرىپ، مۇستەقىل دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەكمۇ؟ كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ بۇ قېتىم ئاخىرى «شېرىكى» بار بولدى...
گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، تېكساس ئىشتاتىدا نېمە ئۈچۈن مۇستەقىل ئوي-پىكىر بولىدۇ؟ بۇنىڭ بەلكىم ئىككى سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن:
1. مۇستەقىل بولماسلىق يەنە باشقا گەپ، بۇ پەقەت ئالدى بىلەن تەكلىپ لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش خالاس. تېكساس ئىشتاتى ئەمەلىيەتتە مۇشۇنداق بىر خەۋەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، بايدېنغا بېسىم قىلماقچى بولغان.
قانداقلا بولمىسۇن، ھازىرقى ئەھۋالدا بايدېن نامدا سايلامدا غەلىبە قىلدى، ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى بۇنى ئېتىراپ قىلدى. لېكىن تېكساس ئىشتاتىدا ئىلگىرىكى يىللاردا ئاساسىي جەھەتتىن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ نامزاتلىرىنى قوللايتتى، بايدېن ئۇلارنىڭ تاللىشىغا ئۇيغۇن كەلمەيتتى. شۇڭا ئەگەر بايدېن زۇڭتۇڭ بولسا، ئۇنداقتا ئۇ تېكساس ئىشتاتىنىڭ مۇستەقىل بولۇشنى تەلەپ قىلىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن. دەل شۇنداق بولغاچقا، دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئاقساراينى تالىشىش كۈرەش مۇساپىسى سەل جاپالىق ھەم ئۇزۇن.
2. ئامېرىكا تارىخىدا تېكساس ئىشتاتى ئەمەلىيەتتە مۇستەقىل بولۇپ باققان. بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا قالايمىقانچىلىققا پېتىپ قېلىپ، پۇقرالاردا نارازىلىق كەيپىياتى شەكىللەندى، شۇنىڭ بىلەن تېكساس يەنە مۇستەقىل بولماقچى بولدى.
بۇ يەردە تەھلىلچىلەرنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، تېكساس ئىشتاتى ئەسلىدە مېكسىكىغا تەۋە ئىكەن. 1821-يىلىدىن ئىلگىرى تېكساس ئىسپانىيە مۇستەملىكىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، كېيىن مېكسىكا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، تېكساس ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مېكسىكىنىڭ كوئاۋېرا-تېخاس ئىشتاتىغا قۇشۇلغان.
كېيىن نۇرغۇن ئامېرىكىلىق كۆچمەنلەرنىڭ ئېقىپ كىرگەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەينى چاغدىكى مېكسىكا ھۆكۈمىتى قۇل ساقلاش تۈزۈمىنى مەنئى قىلغانلىقى ئۈچۈن، 1836-يىلى تېكساس مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلاپ، تېكساس جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان.
گەرچە مېكسىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ناھايىتى نارازى بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا بۇنى قوش قوللاپ قوللىغان، ھەتتا 1845-يىلى تېكساس جۇمھۇرىيىتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قوشۇلۇپ، مەزكۇر دۆلەتنىڭ 28- ئىشتاتىغا ئايلىنىشىغا رازى بولغان.
تېخىمۇ «غەلىتە» بولغىنى، ئامېرىكىنىڭ جەنۇب ـ شىمالىدىكى ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە، يەنى 1861-يىلىدىن باشلاپ تېكساس يەنە مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان. ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ بەش يىلدىن كېيىن، 1870-يىلى تېكساس ئاندىن قايتىدىن ئامېرىكىنىڭ «قوينىغا» قايتىپ كەلگەن.
مۇشۇنداق تارىختىن بۇيان مۇستەقىل بولۇشنى ئويلاپلا يۈرىدىغان ئىشتات، مىجەزى بىنورمال كىچىك بالىغا ئوخشاش ئادەمنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدۇ، يەنە كىلىپ ئاقسارايدىكى ھوقۇقدارلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدۇ.
ئەمىلىيەتتە دۆلەتتە مەسىلە كۆرۈلگەندە، سىزنىڭ ئويلايدىغىنىڭىز دۆلەت بىلەن بىرلىكتە قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈش، ئورتاق قۇرۇلۇش قىلىش ئەمەس، بەلكى دەرھال چىقىپ كېتىپ، مۇستەقىللىق دەۋاسى قىلىش، بۆلگۈنچىلىك قىلىش بولسا، بۇنداق پوزىتسىيە، بۇ دۆلەتنىڭ ئاقىۋىتى ئاساسىي جەھەتتىن زاۋاللىققا باشلايدۇ.
مانا مۇشۇنداق ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئورتاق يۈزلىنىش روھى بەلكىم مەڭگۈ ئاجىزلاشمايدىغان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ھەقىقىي سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇشى بەلكىم تەستۇ!