سىرلىق تاش بايقالدى

ئەلكۈيى
2020-12-12
來源:


ئەنگلىيە ۋايت ئارىلىدىكى كومپتون دېڭىز ساھىلىدا بىر سىرلىق تاش بايقالغان.

ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 7-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بەزىلەر ئەنگلىيەنىڭ ۋايت ئارىلىدىكى كومپتون دېڭىز ساھىلىدا بىر سىرلىق مېتال تاشنى بايقىغان، بۇ تاش كومپتون دېڭىز ساھىلىدىكى تىك يارنىڭ ئاستىدا پەيدا بولغاندا، ئارالدىكى ئاھالىلەر بۇنىڭدىن گاڭگىراپ قالغان. توغرا كېلىپ قالغىنى شۇكى، ئالدىنقى ئايدا رومىنىيەنىڭ شىمالىدىكى تاغلار بىلەن ئامېرىكىنىڭ يۇتا ئىشتاتىدىكى قۇملۇقلاردا ئوخشاش سىرلىق مېتال تاش پەيدا بولۇپ، كېيىن تۇيۇقسىز غايىب بولغان.

ئەنگلىيە «قۇياش گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 31 ياشلىق بىلاكبېرىن ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا سىرلىق تاشنىڭ سۈرىتىنى بايقاپ، تەكشۈرۈشكە بېرىشنى قارار قىلغان ھەمدە ئوغلى ۋە ئوغۇل دوستى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكچى بولغان. ئەمما ئۇ تورلاردا «بۇ سۈرەت PS ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن» دەپ قالدۇرۇلغان سۆزلەرنى كۆرگەن.

بىلاكبېرىن ۋايت ئارىلىنىڭ نيۇپورت شەھىرىدىكى بىر داۋالاش ياردەمچىسى، ئۇ ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم سىرلىق تاشنى كۆرگەندە ئىنتايىن بىنورمال ھېس قىلغانلىقىنى ھەمدە ئىلگىرى ئامېرىكا ۋە رومىنىيەدىن بايقالغان سىرلىق تاشنى دەرھال تەتقىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «بۇ سىرلىق تاشنىڭ بىر قىسمى يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان بولۇپ، بىر قىسىم قۇملارنى سىرلىق تاشنىڭ ئاستىدىن يۆتكەشكە توغرا كېلىدۇ» دېگەن. ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە قۇمنى يۆتكىگەندىن كېيىن، سىرلىق تاشنىڭ ياغاچتىن ياسالغانلىقىنى، يەنە بىر تەرىپىگە ئەينەككە ئوخشاش ماتېرىيالدىن ياسالغان نەرسىنىڭ چاپلانغانلىقىنى بايقىدى.

بىلاكبېرىن: «مەن بۇنى ناھايىتى ياخشى كۆردۈم، خۇددى تاشقى پىلانېتا ئادەملىرى ئېلىپ كەلگەن ئىمارەتكە ئوخشاپ كېتىدىكەن، لېكىن بۇ بىر ئالاھىدە سەنئەت تۈرىگە ئوخشايدۇ، لېكىن 2020-يىلى مۇشۇنداق بىنورمال ئىشلار تولا بولامدۇ؟» دېدى.


يەرلىك ئاھالىلەر 10 فۇت (3مېتىر) ئېگىزلىكتىكى بۇ سىرلىق تاشنىڭ يېنىدا.

ۋايت ئارىلىدىكى يەنە بىر ئاھالە توم دانفىرد (Tom Dunford)نىڭ ئېيتىشىچە، بۇ سىرلىق تاش 10 فۇت (3مېتىر) ئېگىزلىكتە بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك نۇر قايتۇرىدىكەن. ئۇ بۇ سىرلىق تاش چوقۇم بەزىلەرنىڭ ئويۇنى دەپ قارايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى:«سىرلىق تاش بۇ يەردە زور زىلزىلە پەيدا قىلدى، نۇرغۇن كىشىلەر دېڭىز ساھىلىغا توپلىشىپ سىرلىق يوغان تاشنى كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەن».

11-ئاينىڭ 18-كۈنى ئامېرىكا يۇتا ئىشتاتىدىكى قىزىل قىيا قۇملۇقىدىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان سىرلىق تاشبايقالغان.

رومىنىيە ئارخېئولوگىيە خارابىسى ئەتراپىدىنمۇ سىرلىق غايەت زور تاش بايقالغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ قورام تاشنىڭ كېلىش مەنبەسى تېخى ئېنىق ئەمەس، لېكىن ئۇ ئامېرىكىنىڭ يۇتا ئىشتاتى ۋە كالىفورنىيە ئىشتاتىدا بۇنىڭغا ئوخشاش سىرلىق تاش تۈۋرۈك پەيدا بولغاندىن كېيىن پەيدا بولغان.

رومىنىيە ئارخېئولوگىيە خارابىسى ئەتراپىدىن بايقالغان سىرلىق تاش

يەرلىك ئاھالىلەر شۇ يەر ۋاقتى 2-چېسلا سەھەردە ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ ئاتاسكادرودىكى قارىغايلىق تاغ چوققىسىدىن يېڭىسىرلىق تاشنى بايقىغان. ئالدىنقى ئايدا، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش جەمئىيتىنىڭ ئەمەلدارى ئامېرىكا يۇتا ئىشتاتىدىكى قىزىل قىيا قۇملۇقىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سىرلىق تاشنى بايقىغان، بىراق ھازىر يۆتكەپ كېتىلگەن.