كانادانىڭ ئالبېرتا ئۆلكىسىدە بىر چاشقان بايقالدى، بۇ ئالبېرتادا تاشقى پىلانت ئادىمىنى بايقىغانغا ئوخشاش چوڭ خەۋەر. ئىنسانلار بىلەن چاشقانلارنىڭ مىڭ يىلغا سوزۇلغان كۈرىشىدە، پەقەت مۇشۇ تۆت مىليون نوپۇسقا ئىگە زېمىنلا مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن.
ئالبېرتا ئۆلكىسى يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ چاشقانسىز ئىنسانلار ئولتۇراقلاشقان رايون.
ھەممە ئادەم چاشقاندىن بىزار، لېكىن ئۇلار ئاساسەن دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر بۇلۇڭىدا ياشايدۇ.
قۇتۇپ رايونى ۋە كانادانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بۇ كىچىك رايوندىن باشقا، يەرشارى پۈتۈنلەي چاشقان تاجاۋۇزچىلىقىدا قالغان سەييارە.
خەرىتىدىكى بۇ شەكلى غەلىتە بوش ئورۇن ئالبېرتا ئۆلكىسىنىڭ چاشقانغا قارىتىلغان رەھىمسىز، ئومۇميۈزلۈك كۈرۈشىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسىىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
نەىجىدە بۇ يەردە مەڭگۈ چاشقان كۆكتاتلىقنى بۇزمايدۇ، ھېچكىم بالىخانىدىكى چاشقاندىن خانتان ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالمايدۇ، ئۆيمۇ مەڭگۈ چاشقاننىڭ توك سىمىنى چاينىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن كۆيۈپ كەتمەيدۇ.
كانادانىڭ بۇ ئۆلكىسىنىڭ رەزىل غاجىلىغۇچى ھايۋاننى پۈتۈنلەي رەت قىلالىشى ناھايىتى زور دەرىجىدە قىلچە يول قويماسلىق ۋە رەھىم قىلماي ئۆلتۈرۈشتەك زىيانداش ھاشاراتلارنى تىزگىنلەش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى.
ئالبېرتا ئۆلكىلىك ئاممىۋى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 1948-يىلى ئەتراپىدا چاشقان تۈرىدىكىلەرگە جەڭ ئېلان قىلىش ئۇچۇرى:
70 يىلدىن بۇيان چاشقان ئالبېرتا ئۆلكىسىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بولۇپ كەلدى، بارلىق پۇقرالار ئىتتىپاقلىشىپ، چاشقاننىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. چاشقاننى يوقۇتۇشنى مەقسەت قىلغان كۈرەش ئېلانى ۋە مەخسۇس چاشقان چارلاش ئەترىتىمۇ ئوخشاشلا زور خىزمەت كۆرسەتتى.
دېھقانچىلىق مەيدانىدىن شەھەر-بازارلارغىچە ئالبېرتا ئۆلكىسىنىڭ قوڭۇر چاشقانغا قارشى جەڭ مەيدانىغا ئايلاندى.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئۇسلۇبىدىكى تەشۋىقات بۇ ئۆلكىنىڭ چاشقانغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە ئاساس سالدى.
تەشۋىقات قوللانمىسىدا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ: «بىز مۇۋاپىق تەشكىللەنگەندىلا، ئاندىن ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايمىز» دېيىلگەن.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا، كەڭ كۆلەملىك خىمىيە ئۇرۇشى چەت رايونلارنى تازىلىغان.
مىڭلىغان ئىمارەتلەرگە 10 توننىغا يېقىن ئارسېن پاراشوكى چېچىلغان. دۈشمەننىڭ سانى زور دەرىجىدە ئازايغان، ھەر يىلى 500 - 600دىن 1980-يىلىغا كەلگەندە 200گە يەتمەيدىغان بولۇپ قالغان.
ھازىر ھەر يىلى ئاز ساندىكى چاشقانلارلا بايقىلىدۇ.
2012-يىلى ئەخلەت كۆمۈش مەيدانىدا بايقالغان چاشقان رېكورت ياراتقان، ئەڭ ئاخىرىدا 150 چاشقان ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن.
تەشۋىقات ھۇجۇمى ئەزەلدىن بوشىشىپ باقمىغان.
1975-يىلىدىكى تەشۋىقات ئېلانىدا: «بىردىنبىر ياخشى چاشقان ئۆلۈك چاشقان» دېيىلگەن.
«بىزنى ھەقىقىي ئىتتىپاقلاشتۇرغىنى ئورتاق دۈشمەن، تۆت پۇتلاپ مېڭىۋاتقان دۈشمەن، ئۇدۇل چىشى توختىماي ئۆسىدۇ، توك سىمىدىن بېتونغىچە ھەرقانداق نەرسىنى چاينايدۇ»
ھۆكۈمەت قوزغىغان چاشقان كونترول قىلىش پىلانى مىسلىسىز.
ئامېرىكا بېلىق ۋە ياۋايى ھايۋانلار مۇلازىمەت ئىدارىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر يىلى چاشقان پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەخمىنەن %20نى ۋەيران قىلىدىكەن.
لېكىن شۇنداق بولسىمۇ ئالبېرتا ئۆلكىسىدىن باشقا، يەر شارىدا ئۇلارنى يوقىتىش ئۈچۈن بۇنداق ئۇزاق مۇددەت قەتئىي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلەر يوق ئىكەن.
قوشنا ئۆلكە ساسكاتچېۋان بىلەن بولغان 28 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى چېگرا سىزىقىدا، چاشقان چارلاش ئەترىتى ئىزچىل ھوشيارلىقنى ساقلاپ كەلدى.
سەككىز كىشىلىك كىچىك ئەترەتكە چاشقان دورىسى ۋە چاچما ئوق مىلتىقى سەپلەنگەن، ھەر كۈنى ھەر قانداق غاجىلىغۇچى ھايۋانلارنى ئوۋلايدۇ.
ئالبېرتا ئۆلكىسىدىكى چاشقان چارلاش ئەترىتى ھەر يىلى 3000دىن ئارتۇق دېھقانچىلىق مەيدانىنى تەكشۈرىدۇ، لېكىن ھەقىقىي چاشقاننى ناھايىتى ئاز كۆرىدۇ.
قاتتىق پىلان بۇ ئۆلكىنى چاشقان ئاپىتىدىن قۇتۇلدۇردى.
دائىرىلەر ۋارفارىن چاشقان دورىسى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدۇ، ھەربىر ئادەمنىڭ بەلگىلەنگەن جانلىقلارنى يوقىتىش مەجبۇرىيىتى بار. بارلىق سورۇنلار ھەر يىلى تەكشۈرۈلىدۇ، ئەگەر چاشقان يوقىتىش كۈچلۈك بولمىسا، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت يەر ئىگىلىرىدىن ھەق ئالسا بولىدۇ. يەمچۈك، زەھەرلىك گاز ۋە تۇتۇش ئەسۋابىنىڭ ھەممىسى ئىشلىتىلىدۇ. قېزىش ماشىنىسىنىڭ چاشقاننىڭ ئۇۋىسىنى بۇزۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئىمارەت بەزىدە شۇ سەۋەبتىن يۆتكىلىدۇ ياكى چېقىۋېتىلىدۇ.
ئەخلەت مەيدانى ئەتراپىغا سانسىزلىغان ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق تەكشۈرۈش ئەسۋابى تەسىس قىلىنىدۇ. چاچما ئوق، كۆيدۈرگۈچى ئوق ۋە پارتلىغۇچى دورىلار چاشقاننىڭ پەيدا بولىدىغان جاينى ئۇرۇش رايونىغا ئوخشىتىپ قويىدۇ.
ئالبېرتادا تۇغۇلغان كىشىلەر كىچىكىدىنلا بۇ خىل جانلىقتىن بىزار بولۇشتا تەلىم ئالغان. مەكتەپ ۋە بازاردا ياخشى ساقلانغان چاشقاننىڭ جەسىتى سازايى قىلىنىدۇ.
ئۇچۇر ناھايىتى ئېنىق: «ئەگەر چاشقاننىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرماقچى بولساق، بارلىق پۇقرالار چوقۇم بىر كىشىلىك كۈچىنى چىقىرىشى كېرەك»
ئۆزىنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىنى مۇستەھكەملەش، تاجاۋۇز قىلغۇچىنى مەلۇم قىلىش، زۆرۈر تېپىلغاندا قورال–ياراغلارنى ئىشلىتىش.
ھەر بىر ئادەم 24 سائەت قىزىق لىنىيە تېلېفونى ئارقىلىق چاشقاننى مەلۇم قىلسا بولىدۇ.
ئەمما %95 دوكلات خاتا، ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، نۇرغۇن ئالبېرتالىقلار ئەمەلىيەتتە چاشقاننىڭ قانداقلىقىنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان.
«ئالبېرتا ئۆلكىسىدىكى كۆپ ساندىكى كىشىلەر چاشقان بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان، چاشقاننىڭ قانداق ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ياكى ئۇلارنى قانداق كونترول قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ. شۇڭا ھۆكۈمەتنىڭ دەسلەپكى ئىنكاسى ئاممىغا تەربىيە ئېلىپ بېرىش ھەمدە يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ئاھالىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش». ئالىي نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كۆپ تەرەپتىن تەڭ تۇتۇش قىلىش، بىر خىل شەكىل بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىق ئىستراتېگىيىسىنى قوللىنىش كېرەك.
ھەر قېتىم ئالبېرتا ئۆلكىسىدە چاشقان پەيدا بولغاندا، ئۇ ئۇدا بىر نەچچە كۈن باش تېما خەۋەرگە ئايلىنىدۇ.
مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئالبېرتا ئۆلكىسىدىكىلەر ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئەزەلدىن چاشقاننى كۆرۈپ باقمىغان. ھەتتا تەجرىبىخاندىكى كىچىك ئاق چاشقان ياكى ئەرمەك چاشقانمۇ قانۇنسىز. بىر ئەرمەك چاشقان باقسا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 5000 ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئۇنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلسا تۈرمىدە يېتىشى مۇمكىن.
ئەڭ ئاخىرىدا، 2002-يىلى ئالبېرتا ئۆلكىسىدە تۇنجى قېتىم چاشقان كۆرۈنمىگەنلىكى خاتىرىلەنگەن. ھازىر ھەر يىلى تەخمىنەن 12 چاشقان بۇ ئۆلكىگە كىرىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن «ئۆلكە دەرىجىلىك چاشقان كونترول قىلىش مۇتەخەسسىسلىرى كۆپىيىشتىن بۇرۇن دەرھال ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىدۇ».
ئالبېرتا ئۆلكىسىنىڭ چاشقاننى كونترول قىلىشى تۈزۈملىشىپ، ھەربىر چاشقاننىڭ «كېلىشى بولۇش، كېتىشى بولماسلىق»قا كاپالەتلىك قىلغان.
يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى: «چاشقان ئالبېرتا ئۆلكىسدە پەيدا بولمايدۇ دېيىش ساددا خىيال. چاشقان ئۆلكە چېگراسىغا ھۆرمەت قىلمايدۇ. لېكىن مۇھىمى، بىز دەلىل- ئىسپات تاپساقلا ناھايىتى تېز، ناھايىتى ئاكتىپ ھەرىكەت قوللىنىمىز»دېگەن.