گۇاڭجۇدىن يادىكارلىق بايقالدى

ئەلكۈيى
2020-12-12
來源:ۋاڭيى تورى



گۇاڭجۇ شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات يۇرتى 2020-يىلى 5-ئايدىن 12-ئايغىچە« گۇاڭجۇ قەدىمىي شەھىرىدىن جۇجياڭ دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغىچە» بولغان يەر ئاستى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆمۈلگەن رايوننىڭ مەركىزى رايونىدا قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ئېلىپ باردى. قېزىش كۆلىمى 2400 كۋادرات مېتىر بولۇپ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن مىنگو دەۋرىگىچە بولغان مەدەنىيەت قاتلاملىرى بايقالغان خەن سۇلالىسىدىن مىنگو دەۋرىگىچە بولغان 432 ئورۇندىكى خارابە ئېنىقلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە كۈل ئازگىلى 196، قۇدۇق 57، سۇ ئازگىلى 52، كۆلچەك 43، تۈۋرۈك سۈڭگۈچ 42، كۈل ئازگىلى 18، تام ئۇلى 17، يول ئۈچ، ئۆي ئورنى ئىككى، سۇپا ئۇلى بىر، توسما ئاسراش ئورنى بىر ھەر قايسى دەۋرلەردىكى ساپال بۇيۇملار، فار-فۇر بۇيۇملار، مىس قوراللار، تۆمۈر قوراللار قاتارلىق ھەر خىل مۇھىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن 2500 دىن ئارتۇقى قېزىۋېلىنغان.

 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى، گۇاڭجۇ شەھىرى جۇڭشەن 6-يول RJ-6/7 قىسىم يەر ئارخېئولوگىيە نەق مەيدانىدا، ئارخېئولوگىيە خادىملىرى خىزمەت جەريانىدا (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سۈرىتى).