قاش تېشى چەينەك

ئەلكۈيى
2020-12-12
來源:ۋاڭيى تورى



ساياھەتچىلەر يىچۈەن ناھىيەسىدىكى خۇكۇ شارقىراتمىسىدا قىش پەسلىدىكى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ« مۇز شارقىراتمىسى ۋە قاشتېشى چۆگۈنى» دىن ئىبارەت ئاجايىپ مەنزىرىنى تاماشا قىلماقتا، شۇ جاينىڭ تېمپراتورىسى ئۇدا نەچچە كۈن 10-دىن تۆۋەن بولغاچقا، يېقىندا شەنشى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ خۇكۇ دېگەن يېرىدە مۇز شاقىراتما پەيدا بولدى.


 مۇزلاش نۇقتىسىدىن تۆۋەن بولغان تېمپىراتۇرىنىڭ تەسىرىدە، خۇكۇ شارقىراتمىسىنىڭ ئۆركەشلەپ تۇرغان بۇژغۇنلىرى ۋە سۇ تۇمانلىرى ئىككى قىرغاقتىكى مۇز يارلىرىدا يەنە بىر قېتىم مۇز تۇتۇپ، شەكلى خىلمۇخىل بولغان مۇز كۆۋرۈك مۇز شارقىراتمىسىنى ھاسىل قىلغان. گەرچە سىرتقى يۈزىدىكى خۇكۇ شارقىراتمىسى مۇز شارقىراتمىسىغا ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيى بۇنىڭلىق بىلەن توڭلاپ قالمىدى. گەرچە قار ـ مۇز بىلەن قاپلانغان بولسىمۇ، خۇاڭخې دەرياسىدا يەنىلا ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان كۈچ بار، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان سۇ ئېقىنى بىر قىسىم سۇ پارلىرىنى بوشلۇققا يەتكۈزۈپ، ئاجايىپ ھەسەن ـ ھۈسەنلەرنى ھاسىل قىلىدۇ.