لاسۋىگاستىكىMGMغا ئوت كەتتى

ئەلكۈيى
2020-12-12
來源:توېتىياۋ


1980-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەردە، ئامېرىكا لاسۋېگاستىكى MGM مىھمانخانىسى چوڭ زالىنىڭ چىراغلىرى يەنىلا يورۇق ئىدى، بۇ جەمئىي 26 قەۋەت، 2000دىن ئارتۇق ياتاق بار بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي بولۇپ، 1-قەۋەتكە قىمارخانا جايلاشقان. ئەينى ۋاقىتتا كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىنلىقى يەنىلا شۇنچە يۇقىرى ئىدى.

بۇ چاغدا بىرىنچى قەۋەتتىكى The Deli ئاشخانىسىنىڭ بىر سوغۇق ساقلاش ئىشكابىدا جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان پاجىئەنىڭ ئوت پىلتىسى يېنىۋاتاتتى، سوغۇق ئىشكاپنىڭ تەۋرىنىشى سەۋەبىدىن، 110Vلىق ئېلېكتىر بېسىمىنىڭ ئۆزگىرىشچان توك سىمى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، يەردىكى سىم يولى بىلەن تۇتىشىپ ئوت ئېلىشقا باشلىغانىدى، ئەينى چاغدا كۆيۈشنى توسۇش ئىقتىدارى يۇقىرى بولمىغان كاۋچۇك ئىزولياتسىيە قەۋىتى كۆيۈشكە باشلاپ تەدرىجىي كېڭىيىپ، ئۇدا نەچچە سائەت كۆيگەندىن كېيىن مەلۇم جايدا پارتلاش يۈز بەرگەن.

ئەتىگەن سائەت 7:07دە ئاشخانا تەكشۈرۈش خادىملىرى ئوت كۈيۈۋاتقانلىقىنى بايقىغان، مېھمانخانا بولكا دۇكىنىنىڭ بىر خىزمەتچىسىمۇ تورۇستىن ئىس چىقىۋاتقانلىقىنى، چىراغ ئۆچۈپ قالغانلىقىنى دوكلات قىلغان، مېھمانخانىنىڭ بىخەتەرلىك خادىملىرى دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلغان، ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى سائەت 7:17 ئۆتكەندە مەلۇماتنى تاپشۇرۋالغان، سائەت 7:19 دا نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان، يېتىپ كېلىشى ناھايىتى تېز بولغان.

ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى دەرھال ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىگە ئاتلاندى، دەسلەپتە ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ ئىمارەتلەرنىڭ ئوتتىن مۇداپىيەلىنىش ماتېرىياللىرىغا بولغان تونۇشى يېتەرلىك بولمىغاچقا، ھەشەمەتلىك زىننەتلەشتە كۆپ مىقداردا ئاسان ئوت ئالىدىغان بۇيۇملار ئىشلەتكەچكە، ئوت ئاپىتىنى كونترول قىلغىلى بولمىدى، ئوت ئاپىتى ناھايىتى تېز يامراپ، يەرلىك ساقچىلار پۈتۈن شەھەر بويىچە ئىشلەتكىلى بولىدىغان تىك ئۇچار ئايروپىلانلاردىن مېھمانسارايغا بېرىپ قاپسىلىپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى.


لاس ۋېگاس ۋە خېندېرسون ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى، يەنە ھاۋا ئارمىيە بازىسى قاتارلىقلار كەڭ كۆلەملىك تىك ئۇچار ئايروپىلان ئەۋەتىپ، MGM مېھمانخانىسىنىڭ ئۆگزىسىدىن 1000 ئادەمنى قۇتقۇزۇپ چىقتى، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىن كېيىن ئاخىرى ئوتنىڭ يۇقىرىغا يامرىشىنى كونترول قىلدى، پەقەت مېھمانخانىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىگىچىلا ئوت تۇتىشىپ كەتتى.

ئوت ئاپىتىدا، ئۆلۈش-يارىلىنىش يۇقىرى قاتلامغا مەركەزلەشتى.


ئوت ئاپىتىدىن كېيىن نەق مەيداننى تازىلىغاندا، بىرىنچى قەۋەتتىكى قىمارخانىدا قازا قىلغان 18 ئادەم بايقالدى، بەزىلىرى ھوشىدىن كەتكەن، يەنە 14 نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ئوت ئاپىتىدە قاپسىلىپ قېلىپ قازا قىلدى، لېكن قازا قىلغانلارنىڭ كۆپ قىسمى مېھمانساراينىڭ يۇقىرى قەۋىتىدە بولۇپ، ئاساسلىقى 19-24 قەۋەتكە مەركەزلەشكەن، بۇ ئەينى چاغدىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىنى قاتتىق ئويغا سالدى.

جەمئىي 61 ئادەم 16-قەۋەتتىن يۇقىرىدا قازا قىلغان.

ئوت بىرىنچى قەۋەتتە كۆيسە، ئىككىنچى قەۋەتكە تەسىر يېتىدۇ، ئوت مەنبەسىدىن قانچە يىراقلاشقانسېرى تېمپېراتۇرا شۇنچە تۆۋەن بولىدىغان تۇرۇپ، يەنە نېمە ئۈچۈن ئۈستۈنكى قەۋەتتە ئۆلگەنلەر شۇنچە كۆپ بولىدۇ؟ MGM مېھمانسارىيى ئەمەلىيەتتە ئەينى چاغدا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ مېھمانساراي ئىدى، ئۇنىڭ بىرىنچى قەۋىتى ئۈچ پۇتبول مەيدانى چوڭلۇقىدىكى قىمارخانا بولۇپ، مېھمانسارايدىكى باشقا ھەشەمەتلىك ئەسلىھەلەر پەقەت ئۇنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈلۈشىدىن ئىبارەت ئىدى.

بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتىدە جەمئىي 85 ئادەم قازا قىلدى، 700دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى. مېھمانساراي باشقۇرۇش قاتلىمى ۋە لاسۋېگاس ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى زور بېسىمغا دۇچ كەلدى، مەسىلىنىڭ مەنبەسىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ چىقىش ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە ئىدى.

زادى نېمە سەۋەبتىن بىرىنچى قەۋەت كۆيۈپ كېتىپ، 20-قەۋەتتىكىلەر ئۆلۈپ كېتىدۇ؟

گەرچە ئامېرىكا 1940-يىللاردىلا ھازىرقى زامان ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن 70-يىللارغا كەلگەندە MGM مېھمانسارىيى قۇرۇلۇشى باشلانغانغا قەدەر، ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى ئىشتاتلاردا بىرلىككە كەلگەن قۇرۇلۇش ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىكى بەلگىلىمىسى يوق ئىدى. مەسىلەن، MGM مېھمانخانىسىنى لايىھىلىگەندە بىر قانچە ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپى ساقلىنىپ قالغان.


ئەمدىلا پۈتكەن MGM مېھمانخانىسى

بىرىنچى قەۋەتتىكى ئوت ئاپىتىنىڭ يامراش سۈرئىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

ئوت ئاپىتىنى بايقىغاندىن تارتىپ، مېھمانخانىنىڭ ئىشىكى پارتلىغانغا قەدەر پەقەت ئالتە مىنۇتلا ۋاقىت كەتكەن بولۇپ، بۇ ئالتە مىنۇتنىڭ يامراش قۇرۇلمىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈسكۈنىلەر ئىنتايىن كۆپ بولغان نەچچە يۈز مېتىرلىق قىمارخانا زالىنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆيۈشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى مۇنداق:

مېھمانخانىنى بېزەشتە ئاسان ئوت ئالىدىغان ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن

چوڭ زالدىكى توك سىمى ۋە سىم ئورۇنلاشتۇرۇش تۇرۇبىلىرىغا ئىشلىتىلگىنى ئاسان كۆيىدىغان ماتېرىياللار بولۇپ، چوڭ زالنىڭ ئۈستىدىكى بېزەك تاختىمۇ ياغاچ بولۇپ، يەنە ئەتراپتىكى بېزەك تام قەغىزى ۋە پول قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاسان ئوت ئالىدىغان ماتېرىيال، شۇڭا ئوت تېز سۈرئەتتە كېڭەيگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ماتېرىياللار ئوت كەتكەندىن كېيىن پەيدا قىلغان زەھەرلىك ئىسلار سەۋەبىدىن، نۇرغۇن قىمارۋازلار زالدىن قېچىپ چىقىشتىن بۇرۇنلا تۇنجۇقۇپ قالغان.

قىمارخانا رايونىدا جىددىي ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىسى يوق

قىمارخانا زالىدا ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىسى يوق ئىدى، ئەمەلىيەتتە ئەينى يىلى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئىس-تۈتەك تەكشۈرۈش بېشى ۋە سۇ پۈركۈشكە ئالاقىدار بەلگىلىمە بار ئىدى، لېكىن يولغا قويۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە قاتتىق نازارەت قىلىنمىغاچقا، بەزى مېھمانسارايلارنىڭ زالى ياكى قىمارخانا قاتارلىق ھەشەمەتلىك بېزەلگەن رايونلار كۆركەم بولۇش ئۈچۈن، سۇ پۈركۈش ئۈسكۈنىسى سەپلەنمىگەن. ھەتتا ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئىس-تۈتەك تەكشۈرۈش بېشى ھاۋا ئالماشتۇرۇش سىستېمىسىغا يوشۇرۇلغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، پۈركۈش ئەسلىھەلىرىنىڭ باھاسى قىممەت بولۇپ، باشقا رايونلارغا قارىغاندا MGM مېھمانخانىسى پەقەت ئاز مىقداردا پۈركۈش ئەسلىھەسى ئورناتقان.

بىنانىڭ قۇرۇلمىسىنى لايىھىلەش مۇۋاپىق ئەمەس

يۇقىرى قەۋەتتىكى ئادەملەرنىڭ جەسىتىنى تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا، ئۆلۈش سەۋەبى تۇنجۇقۇپ قېلىش بولۇپ، پەلەمپەيدىن ئون نەپەر ئۆلگۈچى بايقالغان، قالغانلىرى لىفىت ۋە ئۆي ئىچىدە ئىكەن، يەنە كېلىپ بۇ ئۆيلەرنىڭ ئىشىكى ئېچىلمىغان، نېمە ئۈچۈن بۇ ئۆلۈم مىساللىرى كۆرۈلگەن؟

بىنانىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇش سىستېمىسى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ھاۋانىڭ ساپلىقىنى ساقلاشتىكى مۇھىم ئەسلىھە ھېسابلىنىدۇ، لېكىن ئوت ئاپىتى مەزگىلىدىمۇ ئوخشاشلا زەھەرلىك ئىس-تۈتەك يامراپ كېتىدۇ، شۇڭا ھاۋا ئالماشتۇرۇش سىستېمىسىنى لايىھەلىگەندە ئوتتىن مۇداپىيەلىنىش كىلاپانى بىلەن ئوتتىن مۇداپىيەلىنىش ئىس چىقىرىش كىلاپانىدىن ئىبارەت ئىككى خىلنى ئويلىشىش كېرەك.

ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش كىلاپانىنىڭ پىرىنسىپى شۇكى، ھاۋا ئالماشتۇرۇش يولىدا ئېرىش نۇقتىسى 70 سېلسىيە گىرادۇس بولغان ئاسان ئېرىيدىغان مېتال ياپراقلىق كلاپان بار، 70 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتكەندە، مېتال ئاسان ئېرىپ ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ، شۇڭا ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش كىلاپانىنى ئېتىۋەتسە، ئىسنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

280 گىرادۇسلۇق ئىس چىقىرىۋېتىش كلاپانى

ئىس چىقىرىش كىلاپانىنىڭ تۇرۇبا يولىدا ئاسان ئېرىيدىغان مېتاللارنىڭ ئېرىش نۇقتىسى 280 سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، مۇشۇ تېمپېراتۇرىدىن ئېشىپ كەتكەندە ئىس چىقىرىپ ئوتنى تارقاقلاشتۇرىدۇ، شۇڭا ئىس چىقىرىش كىلاپانى ئېتىۋېتىلسە، ئىس چىقىرىش توختايدۇ.

ئەمما MGM مېھمانخانىسىنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش كىلاپانىدا كاشىلا كۆرۈلۈپ، ئىس-تۈتەك پۈتۈن مېھمانخانىغا يامراپ كەتكەن.

تىك لايىھىلەنگەن ھاۋا ئالماشتۇرۇش يولى

ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئىس چىقىرىش سىستېمىسى ئىس-تۈتەكنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇش تىك تۇرۇبا يولىغا كىرىشىنى توسۇپ قالالمىدى، بۇ يۇقىرى قەۋەتتىكى كىشىلەرنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب. چۈنكى مېھمانساراينىڭ بارلىق ئۆيلىرىنىڭ ھاۋاسى تىك ھاۋا يولى ئارقىلىق يېڭى ھاۋاغا ئالماشتۇرۇلاتتى، ئەمما بۇ ئوت ئاپىتىدە ھاۋا گازغا ئالمىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، نۇرغۇن ئادەم ئۇخلاۋېتىپ ئۆلۈپ كەتكەن.

ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە كىشىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش قالايمىقان

شامال ئۆتۈشتۈرۈش سىستېمىسىنىڭ كاشىلىسى تۈپەيلىدىن، ئىس-تۈتەك مېھمانساراينىڭ باش ئاپپاراتىغىچە يامراپ كەتكەن، شۇڭا ئۇلار چېكىنىشتىن بۇرۇن، بىر قىسىم قەۋەتلەرنىلا ئاگاھلاندۇرۇشقا ئۈلگۈرەلىگەن، كۆپ قىسىم كىشىلەر چېكىنىش ئاگاھلاندۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالمىغان. ئەمەلىيەتتە بىر رادىيو سىستېمىسىنى ھەل قىلغىلى بولاتتى، بىراق ئويلىمىغان يەردىن ئۇمۇ يوق ئىكەن.

ئوتتىن مۇداپىيەلىنىش ئىشىكى ئوتنى ئايرىش رولىنى ئوينىيالماي، لىفت يولى ئىس-تۈتەك يامرايدىغان ئىككىنچى يولغا ئايلانغان، كابېل قۇدۇقى بىلەن ھەرقايسى قەۋەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۈچىنچى ئىس-تۈتەك يولى شەكىللەنگەن.

ئەلۋەتتە، بۇ ئاقىۋەتلەر ئىنتايىن ئېچىنىشلىق بولغان، لىفىتتا جەمئىي توققۇز ئادەم قازا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە بەش ئادەم ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن لېفىت چۈشۈپ كېتىپ ئۆلۈپ كەتكەن، يەنە تۆت ئادەم لىفىتتا قاپسىلىپ قېلىپ ئىس-تۈتەك ئىچىدە تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن.

19-قەۋەتنىڭ ئۈستىدە بولسا تۇرخۇن ئېففېكتى سەۋەبىدىن ئىس-تۈتەك ھاۋا يولىدا تېز سۈرئەتتە بىنا ئۆگزىسىگە يىغىلىپ، تۇسۇلۇپ قالغاندىن كېيىن ھاۋا ئالماشتۇرۇش سىستېمىسى تەرىپىدىن ئۆيگە تارقىلىپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ تۇنجۇقۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇنىڭ ئىچىدە بىر جۈپ ئەر-ئايال كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ، تېخىمۇ كۆپ ئادەملەر ئۆي ئىچىدە قېچىپ قۇتۇلالماي تۇنجۇقۇپ ئۆلىدۇ.

يۇقىرىدا ئاپتوماتىك پۈركۈش سىستېمىسىنىڭ باھاسىنىڭ قىممەت ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلگەن، ئەمەلىيەتتە نەچچە يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىنغان MGM مېھمانخانىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پۈركۈش سىستېمىسى پەقەت ناھايىتى كىچىك بىر پارچە مەبلەغنى ئىگىلەيدۇ، لېكىن مېھمانسارايغا مەبلەغ سالغۇچى تەرەپ بۇنى ئورناتماسلىقنى ئىلتىماس سۇنغان، شۇ جايدىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىمۇ قوشۇلغان.

ئۇنىڭدىن باشقا مېھمانخانىنىڭ كابېل تۇرۇبا يولىغا كۆيۈشنى توسمايدىغان سولياۋ تۇرۇبا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇ ئاسان ئوت ئېلىپلا قالماي، كۆيگەندىن كېيىن زەھەرلىك ئىس قويۇپ بېرىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەبلەغ سالغۇچى تەرەپنىڭ نۇرغۇن مەبلىغىنى تېجەپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن تۆلىگەن بەدىلى بەك چوڭ بولۇپ، كېيىنكى ئەرز قىلىش جەريانىدا، باشقۇرغۇچى تەرەپتىن 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق تۆلەم تەلەپ قىلىپ، 1985-يىلى MGM شىركىتى 76 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن كېلىشىۋالغان، لېكىن ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل ئوت ئاپىتىدە مەبلەغ سالغۇچى تەرەپنىڭ زىيىنى 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن.

مېھمانساراي تەرەپ سەككىز ئاي ئىچىدە قايتا قۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئىنتايىن قاتتىق بولغان ئوت مۇداپىيە قائىدىسىدىن پايدىلانغان، جۈملىدىن كومپيۇتېر كونترول قىلغان ئاپتوماتىك ئوت ئاپىتىدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسى ۋە ئاپتوماتىك ئوت مۇداپىيە سۇ پۈركۈش قۇرۇلمىسى، يەنە كابېل ۋە بېزەك ماتېرىياللىرىنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىشىنى كونترول قىلىشتا زور ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان، ئۇنىڭدىن باشقا، ھاۋا تەڭشەش سىستېمىسىدىمۇ شامالدۇرغۇچ كۆپەيتكەن بولۇپ، ئون مىنۇت ئىچىدە ئىس-تۈتەكنى يوقاتقىلى بولىدۇ.

MGM مېھمانخانىسىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، نېۋادا ئىشتاتى ئىمارەتلەرنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە زور تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئامېرىكا بويىچە ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىكى ئەڭ قاتتىق ئىشتات بولۇپ قالدى، شۇڭا ھەر خىل قوللانمىلىرىدا قارىماققا غەلىتە كۆرۈنگەن بەلگىلىمە بولسىمۇ ئۇ ئەمەلىيەتتە قۇرۇق گەپ ئەمەس، بەلكى ئالدىنقىلارنىڭ قانلىق ساۋاقلىرىدىن كەلگەن بىخەتەرلىك قوللانمىسى، شۇڭا ھەر بىر بەلگىلىمىگە ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ.