يەر شارى ۋە قارا ئۆڭكۈر

ئەلكۈيى
2020-12-12
來源:تىڭشۈن خەۋىرى



قارا ئۆڭكۈر ئالەمدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق ئاسمان جىسىملىرىنىڭ بىرى، چۈنكى قارا ئۆڭكۈر كۈچلۈك تارتىش كۈچىگە ئىگە، ھەرقانداق جىسىم قارا ئۆڭكۈرگە يېقىنلاشقاندىن كېيىن تارتىش كۈچى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنىدۇ، ھەتتا تۇرغۇن يۇلتۇزمۇ قارا ئۆڭكۈرگە يەم بولۇپ كېتىدۇ، ھەرقانداق ماددا ۋە ئېنېرگىيە قارا ئۆڭكۈرنىڭ كۆرۈش دائىرىسىگە كىرگەندىن كېيىن، قايتا قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

قارا ئۆڭكۈرنىڭ ماھىيىتى غەلىتە نۇقتا ۋە بۇرمىلانغان ۋاقىت بوشلۇقى بولۇپ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا قارا ئۆڭكۈر ئۆلگەن تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ غۇلاپ چۈشۈشىدىن ھاسىل بولىدۇ، قارا ئۆڭكۈرنى شەكىللەندۈرگەن تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ماسسىسى يېتەرلىك چوڭ بولغاندىلا، ئاندىن غۇلاپ چۈشۈپ قارا ئۆڭكۈرگە ئايلىنالايدۇ. تەخمىنەن 3 ـ 15 ھەسسە قۇياش ماسسىسىدىكى تۇرغۇن يۇلتۇز ئاندىن بۇ تەلەپنى قاندۇرالايدۇ.


چوڭ ماسسىلىق تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ئۆمرى ئادەتتە بىر قەدەر قىسقا بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىپ ماسسىسىنى يوقىتىش سۈرىتى تېخىمۇ تېز بولىدۇ. يادرو ئىچىدىكى ھىدروگېن ئېلېمېنتى خوراپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندىن كېيىن، گۈمۈرۈلۈپ چۈشىدۇ، شۇڭا ئالەمدە قارا ئۆڭكۈرنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ ھەمدە نۇرغۇن چوڭ ماسسىلىق قارا ئۆڭكۈر مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، سامانيولى سىستېمىسىنىڭ مەركىزىي رايونى بەلكىم بىر قارا ئۆڭكۈر بولۇشى مۇمكىن، بۇ قارا ئۆڭكۈر تەخمىنەن 2 مىليون قۇياش ماسسىسىغا ئىگە.

سامانيولى مەركىزى ئەتراپىدا يەنە نۇرغۇن 30 ـ 50 ھەسسە قۇياش ماسسىسىدىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلار مەۋجۇت بولۇپ، بۇ تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزلار پارتلىغاندىن كېيىن يېڭى قارا ئۆڭكۈر ھاسىل قىلىدۇ


بۇ كىچىكرەك قارا ئۆڭكۈرلەرنىڭ سامانيولى مەركىزىدىكى قارا ئۆڭكۈرلەر بىلەن بىرىكىپ كېتىشىمۇ، يەر شارىنىڭ قۇياشنى چۆرىدەپ ھەرىكەت قىلغىنىغا ئوخشاش بىر ئاسمان جىسىمى قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈشىمۇ مۇمكىن.

گەرچە ماددىلار قارا ئۆڭكۈرگە كىرگەندىن كېيىن قايتا قېچىپ قۇتۇلالمىسىمۇ، لېكىن قارا ئۆڭكۈر كىۋانت قاتلىمىدا ئۈزلۈكسىز ماسسىسىنى يوقىتىدۇ، قارا ئۆڭكۈرنىڭ چېتىدىكى «كىۋانت تونېل ئېففېكتى»گە تايىنىپ قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئېنېرگىيە توسۇقىدىن ھالقىپ ئۆتەلەيدۇ، شۇڭا كىچىك ماسسىلىق قارا ئۆڭكۈر ئۈزلۈكسىز پارغا ئايلىنىپ يوقاپ كېتىدۇ.


سامانيولى سىستېمىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىپتىكى قۇرۇلما، ئەلۋەتتە ئالەمدە نۇرغۇن غايەت زور قۇرۇلمىلار مەۋجۇت، سامانيولى سىستېمىسىمۇ پەقەت تېخىمۇ چوڭ ئالەم قۇرۇلمىسىنىڭ بىر قىسمى، لېكىن ئىنسانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، سامانيولى سىستېمىسى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، نۆۋەتتە ئىنسانلار قۇياش سىستېمىسىدىن ئايرىلالمايدۇ، سامانيولى سىستېمىسىدىن ئايرىلىشتىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.

لېكىن قۇياش سىستېمىسىنىڭ ھەرىكىتى جەريانىدا، باشقا ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئوربىتىسى بىلەن بىرىكىپ كېتىشى، ھەتتا سوقۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن، لېكىن تېخىمۇ چوڭ ئېھتىماللىق سۈركىلىپ ئۆتۈپ كېتىش بولۇپ، ئالىملار 2 مىليون يىل ئىلگىرى سامانيولى سىستېمىسىنىڭ مەركىزىدىكى ئاسمان جىسىملىرى ئىنتايىن كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نۇر قويۇپ بەرگەن، يەر شارىدا كۆز بىلەنلا كۆزەتكىلى بولغان دەپ قارايدۇ. 2 مىليون يىل ئىلگىرى ئىنسانلارنىڭ ئەجدادلىرى ئۆرە مېڭىشقا باشلىغان بولۇپ، ئەجدادلىرىمىز سامانيولى سىستېمىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قارا ئۆڭكۈرنى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن.


ئۇنىڭدىن باشقا، ئالىملار يەنە سامانيولى سىستېمىسىدا بىر غەلىتە قارا ئۆڭكۈرنى بايقىغان، بۇ قارا ئۆڭكۈر ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى پىلانېتلارنىڭ تۆت ھەسسىسىدىن يۇقىرى سۈرەتتە يۆتكىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قارا ئۆڭكۈرگە «GRO J1655-40»دەپ نام بېرىلگەن، يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 6000 يورۇقلۇق يىلى كېلىدىكەن ھەمدە يەر شارىنىڭ يۆنىلىشىگە قاراپ يۆتكىلىۋېتىپتۇ.

ئارىلىق يېتەرلىك يىراق بولغاچقا، ئاز دېگەندىمۇ نەچچە مىليون يىلدىمۇ بۇ قارا ئۆڭكۈر يەر شارى بىلەن ئۇچراشمايدۇ، ئەمما بىر قارا ئۆڭكۈرنىڭ يەر شارىغا قاراپ يۇقىرى سۈرەتتە يۆتكىلىشىمۇ، يەنىلا ئادەمنى قورقۇنچ ھېس قىلدۇرىدۇ. چۈنكى ئالەمدىكى كۆپ ساندىكى قارا ئۆڭكۈرنى بىۋاسىتە كۆزەتكىلى بولمايدۇ، بۇ قارا ئۆڭكۈرلەردىن باشقا، يەنە باشقا ئاسمان جىسىملىرى بىلەن قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئوربىتىسىدا بىرىكىش يۈز بېرىشى مۇمكىن، ئەگەر چوڭ ماسسىلىق ئاسمان جىسىمى بولسا، بەلكىم ئىنسانلارغا غايەت زور ئاپەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.


ئەلۋەتتە بىز تەسەۋۋۇر قىلالايدىغان مەسىلىلەرنى ئالىملارمۇ تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ. ئىنسانلارنىڭ يەر شارىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان ئاسمان جىسىملىرىنى خېلى بۇرۇنلا نازارەت قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، قۇياش سىستېمىسى ئىچىدىكى كىچىك سەييارىلەردىن تارتىپ قۇياش سىستېمىسى ئەتراپىدىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلار سىستېمىسىغىچە، ئاز دېگەندىمۇ مىليون يىل ئىچىدە ئاسمان جىسىملىرىنىڭ يەر شارىغا تەھدىت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى قاتارلىقلار ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ كۆزىتىش پىلانى ئىچىدە. ئىنسانلار پەن ـ تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، كۆزىتىشنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، شۇڭلاشقا بىز ئالەم بوشلۇقىدىن كېلىدىغان تەھدىتتىن ئەنسىرىمىسەكمۇ بولىدۇ. 6000 يورۇقلۇق يىلى ئارىلىقىدا، باشقا تارتىش كۈچى مەنبەسى قارا ئۆڭكۈرگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، نەتىجىدە يەر شارى بىلەن سۈركىلىپ ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن.

ئۇنداقتا، ئەگەر راستتىنلا قارا ئۆڭكۈر يەر شارى بىلەن سوقۇلۇپ كەتسە، ئىنسانلارنىڭ قانداق ئامالى بار؟ئەپسۇس، بۇنىڭ جاۋابى «ئىنسانلارنىڭ ئامالى يوق» تىن ئىبارەتتۇر، ئەگەر يەر شارى كىچىك سەييارىلەر بىلەن سوقۇلۇپ كەتسە، ئىنسانلار يەنە ئامال ئويلاپ بېقىشى مۇمكىن، ئەگەر قارا ئۆڭكۈرگە سوقۇلۇپ كەتسە، بىردىنبىر ئامال يەر شارىدىن ئايرىلىش، ياكى «سەرگەردان يەر شارى»غا ئوخشاش يەر شارىنى ئېلىپ بىرگە قېچىپ قۇتۇلۇش.

ئەگەر يەر شارى قارا ئۆڭكۈرگە دۇچ كېلىپ قالسا، ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ يەر شارىدىن كېتىشنى تاللامسىز ياكى يەر شارىنى بىرگە ئېلىپ قېچىپ قۇتۇلۇشنى تاللامسىز؟