بۇزۇلۇپ قالغان مىۋىلەرنى يىگلى بولامدۇ؟

ئەلكۈيى
2020-12-12
來源:تىڭشۈن خەۋىرى




تۇرمۇشتا پات- پات بىر قىسىمى سېسىپ كەتكەن ياكى زېدە بولغان مېۋە- چېۋىلەرنى ئۇچرىتىپ قالىمىز. بۇنداق مېۋە- چېۋىلەرنى بەزىلەر بىراقلا تاشلىۋەتسە، يەنە بەزىلەر سېسىغان شۇ بىر قىسمىنى ئېلىۋېتىپ، قالغان قىسىمىنى يەۋىرىدۇ. ئۇنداقتا بۇنداق مېۋە- چىۋىلەرنى زادا قانداق قىلىش كېرەك؟

ئەمەلىيەتتە سېسىق مېۋىنى زادى يېگىلى بولامدۇ-يوق دېگەن بۇ مەسىلىدە بۇرۇندىن تارتىپ كىشىلەر ئارىسىدا ئىختىلاپ مەۋجۇد.

ياشتا چوڭلار يەنە يېگىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇلار ھەممىسى بۇرۇندىن شۇنداق تەربىيەنى قوبۇل قىلىپ كەلگەن، مېۋە- چېۋىنىمۇ ئىسراپ قىلماسلىق كېرەك دەپ ئويلايدۇ. لېكىن ياش بىر ئەۋلاد كىشىلەر يېيىشكە بولمايدۇ دەپ قارايدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ئىنسانلارنىڭ كېسەل بولۇشىنىڭ سەۋەبى ئوخشاش بولمىغىنىدەك، مېۋە- چېۋىلەرنىڭ سېسىشىنىڭ سەۋەبىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا سېسىغان مېۋىلەرگە ئوخشىمغان مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك.

1. سىرتقى زەخمىدىن سېسىغان مېۋىلەر

مېۋە ئورگانىك ماددىغا تەۋە بولۇپ، يەرلىك مېۋە بولسىمۇ ئۈزۈش، توشۇش ۋە ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ. دەل مۇشۇ جەرياندا، مېۋە تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن %30 خورايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ناھايىتى چوڭ بىر سەۋەب توشۇش جەريانىدا زەخىملىنىشتىن ئىبارەت. ئۇرۇپ- سوقۇلۇش جەريانىدا مېۋە ھۈجەيرىلىرى زەخىملىندۇ، توقۇلمىلارنى بۇزۇلىدۇ، شۇڭا «يارا ئېغىزى»نىڭ رەڭگى قېنىقلىشىپلا قالماستىن (مېۋىدىكى پولىفېنول تۈرىدىكى ماددىلار ئوكسىدلىنىپ رەڭگى ئۆزگىرىدۇ)، سىرتقى شەكلىمۇ كۆركەملىكىنى يوقىتىدۇ. ئەمما سىرتقى زەخىملىنىشنىڭ ئۆزى مېۋىنىڭ ئىستېمال بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، بىراق بۇنداق مېۋە-چېۋىلەرنى ئۇزاق ساقلىغىلى بولمايدۇ.

شۇڭا سېتىۋالغاندا كۆپچىلىك ئامال بار بۇنداق مېۋىنى تاللىماسلىقى كېرەك. چۈنكى ئۇ مېۋىنىڭ زادى قانچلىك زەخمىلەنگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ.

2. ئۈششىگەن مېۋىلەر

مەيلى ياز ياكى قىش بولسۇن،كىشىلەر مېۋە-چېۋىلەرنى كۈندىلىك ساقلاشقا نىسبەتەن، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى توڭلاتقۇغا سېلىپ قويۇشنى ياخشى كۆرىدۇ.

قارىماققا توڭلاتقۇدا مېۋىلەرنى ياخشى ساقلىغىلى بولغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بىر قىسىم مېۋىلەرنى ئۆيدە قويغاندا توڭلاتقۇدىن ياخشى بولىدۇ.

بىز باناننى مىسال قىلساق: يېڭىلا سېتىۋالغان باناننى توڭلاتقۇغا سېلىپ بىر كېچە قويۇپ قويساق، باناننىڭ پوستىدا قوڭۇر رەڭلىك داغلارنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقىنى بايقايمىز.

ئەگەر ۋاقىت قانچە ئۇزۇن بولسا، پۈتۈن باناننىڭ سىرتقى پوستى قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. بىراق پوستىنى سويسىاق، ئىچىدىكى مېۋىنىڭ يەنىلا ياخشى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.

چۈنكى، مېۋە پوستىدىكى پولى بېنزول ئوكسىدازا (PPO 聚苯氧化酶) باناندا تەبىئىي مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان فېنول تۈرىدىكىلەرنى پولىمىرلاپ پولىفېنولغا ئايلاندۇرىدۇ (酚类聚合为多酚)، بۇ خىل پولىفېنول بەدەن تېرىسىدىكى قارا پىگمېنت (黑色素) قا ئوخشاپ كېتىدىغان ماددا.

ئۇنىڭدىن باشقا، باناننىڭ مېۋە شۆپۈكى ھۈجەيرىسى زەخىملەنگەندىن كېيىن، دوپامىن قويۇپ بېرىدۇ، ئوكسىدازا(氧化酶)نىڭ تەسىرىدە بۇ خىل ماددا ھاۋادىكى ئوكسىگېن بىلەن رېئاكسىيەلىشىپ قوڭۇر رەڭلىك ماددا ھاسىل قىلىدۇ.

شۇڭا، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خىل ئۈششۈپ قالغان مېۋە بۇزۇلۇپ كەتتى دەپ خاتا چۈشىنىپ قېلىپ بىراقلا تاشلىۋېتىشنى تاللايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. گەرچە سىرتقى قىسمى زەخىملەنسىمۇ، لېكىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دەرھال يەۋەتسىمۇ ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ.

3. پاختىلىشىپ قېلىش

سوقۇلۇپ زەخىملىنىشتىن باشقا، ئەمەلىيەتتە مېۋە توشۇش جەريانىدا ئەڭ ئاسان ئۇچرايدىغىنى مىكرو جانلىقلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىدۇر. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى پېنسىلىن دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ماددا بولۇپ، ئۇ ھۈجەيرە بىلەن بىرىككەندە ھۈجەيرىگە قايتماس بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلىدۇ ھەمدە پۈتكۈل مېۋىگە سىڭىپ كىرىدۇ. بۇ خىل پاختىلاشقان مېۋىلەردىكى مىكرو ئورگانىزم ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرى ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى، ھەتتا بۆرەك سۇلۇق ئىششىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇ گەپلەرنى ئاڭغاندا، بەزىلەر، سېسىپ كەتكەن قىسمىنى ئېلىۋەتسەكلا ياخشى بولمامدۇ دېيىشى مۇمكىن. لېكىن ئەڭ ياخشى پاختىلىشىپ قالغان مېۋىنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلاش كېرەك. چۈنكى، ئىلگىرىكى بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتە، كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغدىن ھاسىل بولغان بۇ خىل پېنسىلىننىڭ مېۋىلەردە تارقىلالايدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. ئۇلار پاختىلىشىپ قالغان ئالمىنىڭ تېخى پاختىلاشمىغان قىسىمىدا پېنسىلىن مىقدارىنىڭ پاختىلىشىپ قالغان ئورۇننىڭ %10~%50ىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بايقىدى.

شۇڭا پاختىلىشىپ قالغان مېۋىلەرنى تاشلىۋىتىپ ئازراق پۇلدىن زىيان تارتسىڭىزمۇ، لېكىن بىباھا ساغلاملىقىڭىزنى قوغداپ قېلىڭ.

ئەمدى قىش پەسلىدە قانداق مېۋىلەرنى يېيىشكە ماس كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ باقايلى.

نۇرغۇن ياشانغانلار ياكى كىچىك بالىلار قىش پەسلىدە مېۋە يېيىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ، چۈنكى يەپ بولغاندىن كېيىن ئاسانلا ئاشقازان، ئۈچەي بىئارام بولىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئىچى سۈرۈپ كېتىدۇ.

كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى قىش پەسلىدە مېۋە يېسە، بەك سوغۇق بولۇپ كېتىدۇ، ئاسانلا ئاشقازان ۋە ئۈچەينى غىدىقلايدۇ، شۇڭا بەزى كىشىلەر مېۋىلەرنى قىزىتىپ يېيىشنى تاللايدۇ، دېيىشىدۇ.

ئۇنداقتا مېۋىلەرنى ئىسسىتىپ يېسە ياخشى بولامدۇ؟ ئوزۇقلۇقنىڭ ھەممىسى زىيانغا ئۇچرىدىمۇ؟

ئەمەلىيەتتە مېۋىنى قىزىتقاندا ئوزۇقلۇق زىيانغا ئۇچرايدۇ. لېكىن كۆپچىلىك ئويلىغاندەك ئۇنچە كۆپ ئەمەس.

مېۋىلەر ئىچىدىكى ئىسسىقتىن ئەڭ قورقىدىغان ئوزۇقلۇق ماددا ۋىتامىن C ۋە B تۈردىكى ۋىتامىنلاردىن ئىبارەت.

گەرچە ئوزۇقلۇق زىيان ئۇچرىسمۇ، لېكىن پۈتۈنلەي يوقلىپ كەتمەيدۇ. باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلار، مەسىلەن، كاروتېنوئىد (胡萝卜素)، يېمەكلىك تالاسى قاتارلىقلار قىزدۇرۇلسا ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىمايدۇ.