شىنجاڭ يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى قۇرۇلدى
新疆新的社会阶层人士联谊会成立
12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، شىنجاڭ يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ 1 - نۆۋەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيى 1 - قېتىملىق يىغىنى ھەم قۇرۇلۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، يىغىندا سايلام ئارقىلىق شىنجاڭ يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ 1 - نۆۋەتلىك كېڭىشى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋاڭ جۈنجېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شىنجاڭ يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنى تەشكىللەپ قۇرۇش ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كەڭ دائىرىلىك بىرلىك سەپ ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەڭ دائىرىدە ئىتتتىپاقلىشىش، كەڭ دائىرىدە بىرلىشىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىكى كونكرېت تەدبىرى. يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقي تۈردە ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا مۇجەسسەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش داۋامىدا يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا يېڭى نەتىجىنى نامايان قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا يېڭى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇش داۋامىدا يېڭى قىممەتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش داۋامىدا يېڭى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەر سىزىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا ئورتاق كۈچ قوشۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پۈتۈن پارتىيەنىڭ خىزمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى كەڭ دائىرىدە قوزغاپ، ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولىدىغان، ماسلىشىپ ھەمكارلىشىدىغان ئىجتىمائىيلاشقان كەڭ دائىرىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى مەسئۇل تارماقلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسەت جەھەتتە يېتەكلەش، خىراجەتكە كاپالەتلىك قىلىش، خىزمەت كۈچىنى سەپلەش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇۋاپىق مايىللىشىشى كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار بىرلىك سەپ خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنىغا ئەزا ئورۇنلار فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى، يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىشى كېرەك. بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەشكىللەش شەكلى، پائالىيەت شەكلى، باشقۇرۇش ئەندىزىسى ۋە ئايلىنىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنى بەلگىلىك تەسىر كۈچىگە ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرىگە ئىگە ئىجتىمائىي تەشكىلات قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار پۇقراۋى كارخانىلار ۋە چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلاردىكى باشقۇرغۇچى تېخنىك خادىملار، ۋاسىتىچى تەشكىلاتلار ۋە جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى كەسىپكارلىرى، ئەركىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار، يېڭى تاراتقۇ كەسىپكارلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار 1 مىليون 700 مىڭدىن ئاشىدۇ.
来源:新疆日报,新疆电视台
监制:麦提江
审稿:阿米娜
翻译:麦提江
www.alkuyi.com