گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بىرلەشمە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مېخانىزمىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ۋە تۇرپان شەھىرىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، تۇرپان شەھەرلىك يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى تەتقىق قىلىپ مۇنۇلارنى قارار قىلدى:12-دېكابىر سائەت 22 دىن باشلاپ، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى خۇڭدۈن ئولتۇراق رايونىنىڭ يۇقۇم خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى ئوتتۇرھال خەۋپ-خەتەر قىلىپ بېكىتىلدى، ئىدىقۇت رايونىدىكى باشقا جايلار، تۇرپان شەھىرىدىكى باشقا ناھىيەلەردە يۇقۇم خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى تۆۋەن خەۋپ-خەتەر قىلىپ بېكىتىلدى.