خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى (FIFA) بۈگۈن يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى مۇكاپاتى 11 كىشىلىك نامزاتلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، تەپسىلىي ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:
تياگو (ئىسپانىيە، بايرېن مىيۇنخېن، لىۋېرپول)
كرىستيانو رونالدو (يۇۋېنتۇس، پورتۇگالىيە)
دېبرۇينى (مانچېستېر شەھىرى، بېلگىيە)
لېۋاندوۋىسكى (بايرېن مىيۇنخېن، پولشا)
مانې (لىۋېرپول، سېنېگال)
مباپپې (پارىژ سانت گېرمان، فىرانسىيە)
مېسسى (بارسېلونا، ئارگېنتىنا)
نېيمار (پارىژ سانت گېرمان، بىرازىلىيە)
راموس (خانلىق مادرىد، ئىسپانىيە)
سالاھ (لىۋېرپول، مىسىر)
ۋاندىك (لىۋېرپول، گوللاندىيە)
********************
خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ يىل پۇتبول دۇنياسىدىكى ئالاھىدە بىر يىل بولۇپ، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىلگىرىكىگە ئوخشاش مەلۇم جايغا كىشىلەرنى يىغىپ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىلارنى باھالاش ۋە مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش پىلانىنى بىكار قىلىپ، ھەممە ساھەگە ئوخشاش ھالدا توردا مۇكاپات تارقىتىش ۋە باھالاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان. 12-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى باھالاش ۋە مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى (توردا ئۆتكۈزۈلىدىغان)دا يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر توپچى، يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال توپچى، يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ترېنېر، يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ترېنېر، يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر قاپقىچى، يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال قاپقىچى، ئەڭ مۇنەۋۋەر 11 كىشىلىك سەپ شەكلى (ئەرلەر ۋە ئاياللار)، پۇسكاس مۇكاپاتى قاتارلىق تۈرلەر بويىچە باھالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
يۇقارقى تۈرلۈك مۇكاپاتلار ئىچىدە يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى (ئەرلەر ۋە ئاياللار)، شۇنداقلا ئەڭ مۇنەۋۋەر ترېنېر (ئەرلەر ۋە ئاياللار) مۇكاپاتى ھەر قايسى دۆلەت كوماندىسى كاپىتانى، دۆلەت كوماندىسى ترېنېرلىرى، پۈتۈن دۇنيادىكى مەستانىلەر ۋە 200دىن ئارتۇق تاراتقۇ تەرىپىدىن بېلەت تاشلاپ تاللىنىدۇ. ئەڭ مۇنەۋۋەر قاپقىچى (ئەرلەر ۋە ئاياللار) مۇكاپاتى بولسا ھەر قايسى كوماندىلارنىڭ كاپىتانى، ترېنېرى، مەستانىلەر ۋە مۇخبېرلار تەرىپىدىن بېلەت تاشلاپ تاللىنىدۇ.