بالىلار سومكىسىنى قانداق ئاسسا بولىدۇ؟

ئەلكۈيى
2020-12-14
來源:تىڭشۈن




ئۆسۈۋاتقان بالىلار، بولۇپمۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سومكىسىنىڭ ئېغىرلىقى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغايدۇ. ئەلۋەتتە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سومكا ئاسماي مەكتەپكە بېرىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئوقۇشتا ئىشلىتىدىغان ئوقۇش قوراللىرى، كىتاب، دەپتەر ۋە باشقا بويۇملارنى سومكىسىغا سېلىش كېرەك. ئۇنداقتا، كىچىك بالىلار سومكىنى قانداق ئاسسا توغرا بولىدۇ؟

سوئال: قىزىم ئەمدى مەكتەپكە كىردى، لېكىن سومكىسى بەك ئېغىر ئىكەن. مەن بالامنىڭ ئومۇرتقىسغا تەسىر يېتىشىدىن بەك ئەنسىرەيمەن. قانداق قىلغاندا ئومۇرتقىسىنى قوغدىغىلى بولىدۇ؟

جاۋاب: سومكىنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر چوڭ يوشۇرۇن ئامىل، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سومكىنى يۈدۈش ئۇسۇلىمۇ ئومۇرتقا تۈۋرۈكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، سومكىنى دائىم بىر مۈرىگە ئاسقاندا، ئومۇرتقا تۈۋرۈكى بېسىمغا ئۇچراپ نورمالسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سومكىنىڭ بوغقۇچنى ئۇزۇن قىلىپ سومكىنى ساغرىسىغا چۈشۈرۈپ ئاسقاندا، سومكا ساغرا قىسمىنى ئالدىغا تىرەپ تۇرىدۇ، ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ئېغىرلىق كۆتۈرۈشتىن سىرت، يەنە ئارقا تەرەپكە تارتىلىش كۈچىگە ئۇچرايدۇ. بۇ ۋاقىتتا مۈرە ئارتۇقچە كۈچەپ مۇسكۇللار چارچايدۇ ۋە زەخىملىنىدۇ. بىر مۈرىلىك سومكا ئاسقاندا ئاساسلىقى ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ئۇچرايدىغان كۈچ تەكشى بولمايدۇ. ئۇزۇن مۇددەت بىر مۈرىدە سومكا كۆتۈرگەندە ئاسانلا ئومۇرتقا تۈۋرۈكى يانغا ئېگىلىپ، يۇقىرى-تۆۋەن مۈرە قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر مۈرىسىدە سومكا ئېسىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش، ئىككى مۈرىسىدە سومكا ئاسقاندىمۇ بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىككە دىققەت قىلىش كېرەك.

بالىلارغا سومكا ئالغاندا، چوڭ-كىچىكلىكى بالىنىڭ بەدىنىگە ماس بولغان، بوغقۇچىنىڭ بوش-چىڭلىقى مۇۋاپىق، تەگلىك تاختا ۋە دۈمبە تاختىسى قاتتىق، ئاسانلىقچە شەكلى ئۆزگەرمەيدىغان قوش يەلكىلىك سومكىنى تاللاش كېرەك. بۇنداق سومكىنى دۈمبىگە بىرقەدەر ياخشى چاپلىغىلى بولىدۇ، بۇ خىل سومكىنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ كۆپ قىسمىنى گەۋدە كۆتۈرىدۇ، كەينىگە قارىتا كۈچ تەسىرىگە ئۇچراش، ئوڭ-سول تەرەپ تەڭپۇڭ بولمىغان كۈچ تەسىرىگە ئۇچراش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىپ، ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.

سوئال: بالام توققۇز ياش، لېكىن بوينىدا دوك باردەك كۆرۈنىدۇ، يەنى بويۇن ئومۇرتقىسى ئالدىغا ئېگىلگەن ھالەتتە. قانداق قىلسام بولار؟

جاۋاب: دوكنىڭ پەيدا بولۇشى ئۇزۇن مۇددەت بېشىنى تۆۋەن قىلىش ۋە بويۇن قىسمىنىڭ مۇۋاپىق بولمىغان كۈچەش ئۇسۇلى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھازىر كىشىلەر يان تېلېفون قاتارلىقلارنى كۆپ ئىشلەتكەچكە، ناھايىتى ئاسانلا بۇ مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ. بالىلارنىڭ يېشى تېخى كىچىك، ئۆسۈۋاتقان بولغاچقا ناھايىتى ياخشى تۈزىتىش پۇرسىتى بار. بېشىنى دائىم تۆۋەن قىلىۋالماي، بېلىنى ئېگىپ ئولتۇرۇشنى ئازايتسا، تەدرىجىي ياخشىلىنىش بولىدۇ. ئەگەر باشتا دىققەت قىلمىسا، قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى تەدرىجىي ئېشىپ، بويۇن ئومۇرتقىسى مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەتىرى زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدۇ.

سوئال: بالام ئۇخلىغاندا تۈگۈلۈۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. تۈگىلىپ ئۇخلىسا ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يېتەمدۇ؟

جاۋاب: ئۇنداق بولمايدۇ. ئۇخلىغاندا بەدەن ئېغىرلىقىنى ئاساسلىقى كارىۋات كۆتۈرىدۇ، مۇسكۇل ۋە سۆڭەكلەر ئەركىن ھالەتتە تۇرىدۇ. ئۇخلاش جەريانىدا بەدەن قىياپىتىنى ئۆزى تەڭشەيدۇ، بىر خىل ھالەتنى ئۇزۇن ساقلىغاندىن كېيىن بەدەندە بىئاراملىق پەيدا بولۇپ، بەدەننى ئۆزى ئۆرۈپ تەڭشەيدۇ، شۇڭا بۇ خىل ئۇخلاش ھالىتى ئومۇرتقا تۈۋرۈكىگە ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، چوقۇم ئېگىزلىكى ۋە قاتتىقلىقى مۇۋاپىق بولغان ياستۇقنى ئىشلىتىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا بويۇن ئومۇرتقىسى زەخىملەنمەيدۇ.