ئايرۇپىلاندا ئىش چىقاردى

ئەلكۈيى
2020-12-14
來源:تىڭشۈن





ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 13-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر ئەر شۇ جاي ۋاقتى 12-چېسلا لاسۋىگاس ئايرودۇرۇمىدا ئۇچۇشنى كۈتۈپ تۇرغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قانىتىغا يامىشىپ چىققان، ئارقىدىن ساقچىلار كونترول قىلغان . ئالياسكا ئاۋىياتسىيە شىركىتى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى لاسۋىگاستىن پورتلاندقا قاراپ ئۇچقان 1367-قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچماقچى بولغاندا، ئۇچقۇچى تۇيۇقسىز بىرسىنىڭ ئايروپىلانغا قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن، ئارقىدىن دەرھال قوماندانلىق مۇنارغا دوكىلات قىلغان».

20201214

يولۇچىلار سۈرەتكە ئالغان نەق مەيدان سىن كۆرۈنۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، بىر ئەر ئايروپىلان قانىتىغا چىقىۋېلىپ ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ يۈرگەن ۋە بەزىدە ئولتۇرىۋالغان، ئۇ يەنە ئاياغ ۋە پايپاقلىرىنى سېلىۋېتىپ بوئېن 737 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ ئۈستىگە يامىشىپ چىقماقچى بولغان، ساقچىلار دەرھال يېتىپ كېلىپ ئۇنى ئايروپىلان قانىتىدىن چۈشۈرىۋالغان.

ھازىر لاسۋىگاس ساقچى ئىدارىسى بۇ ئەرنى تۇتۇپ قالغان ھەمدە ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپارغان. ئالياسكا ئاۋىياتسىيە شىركىتى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئايروپىلان قايتىدىن ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلدى».