«نىيۇيورك كۈندىلىك خەۋەرلىرى»، «پارلامېنت تىغى گېزىتى» قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 12-دېكابىر، ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى بايدېن فىلادېلفىيەدىكى بىر دوختۇرخانىغا بېرىپ، پۇت سۆڭىكىدىكى دەز كەتكەن ئورۇننىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرتكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە شۇ كۈنى بايدېننىڭ يارىلانغان ئوڭ پۇتى CTدا تەكشۈرۈلگەندىن كىيىن دوختۇر ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئۆز قەرەلىدە ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بايدېن دوختۇرخانىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا ئەتراپتىكىلەرگە باش بارمىقىنى چىقارغاندىن كىيىن ئاستا-ئاستا ئاپتوموبىلغا چىققان.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بايدېن ئىشخانىسى شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ: «بايدېن ئىتى بىلەن ئويناۋاتقاندا ئوشۇقىنى قايرىۋالدى» دېگەن. بۇ باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «28-نويابىر شەنبە كۈنى، يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭ بايدېن ئىتى بىلەن ئويناۋاتقاندا تېيىلىپ كېتىپ، پۇتىنى قايرىۋالدى. ھەر ھالدا ئېھتىيات ئۈچۈن، ئۇ بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە تەكشۈرتىدۇ». 29-چېسلا كەچتە، دوختۇر بايدېننىڭ پۇت سۆڭىكىگە دەز كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 12-ئاينىڭ 1-كۈنى بايدېن پۇتىغا يېنىك دەرىجىدە دەز كەتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئاشكارا سورۇندا پەيدا بولغان. نەق مەيداندىكى سىن كۆرۈنۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، بايدېن شۇ كۈنى يارىلانغان ئوڭ پۇتىغا مەخسۇس بىر پىيادەىلەر ئۆتۈكى كىيگەن.