ئاسماندىن پۇل ياغقىنىنى كۆرگەنمىدىڭىز؟
1-دېكابىر كەچتە، شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنىڭ شەھىرى يۆخې كوچىسىدىكى مەلۇم ئولتۇراق رايوننىڭ سىرتىدىكى يول يۈزىگە تۇيۇقسىز نۇرغۇن قەغەز پۇل لەيلەپ چۈشتى ھەمدە شامالدا ئەتراپقا چېچىلىشقا باشلىدى.
بۇ بىنورمال ئەھۋالنى ئۇدۇلدا ئاسما ئوكۇل سالدۇرۇۋاتقان شەھەر ئاھالىسى ياڭ فەن كۆرۈپ قالدى. كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇ ئاسما ئوكۇل بوتۇلكىسىنى بىر قولىدا كۆتۈرۈپ، يەنە بىر دوستى بىلەن بىللە يامغۇردا تەرتىپنى قوغدىدى. ئۇ شۇ چاغنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «مۆلچەرىمچە ئەينى چاغدا چېچىلىپ كەتكەن پۇل نەچچە ئون مىڭ يۈەن ئىدى، مەن شۇ چاغدا ئوكۇل سالدۇرۇۋاتاتتىم، دەرھال نەق مەيدانغا باردىم».
«دوستۇم 110غا تېلېفون قىلدى، مەن مۇشۇ يەردە نەق مەيداننى قوغدىدىم».
ياڭ فەن بىر قولىدا ئاسما ئوكۇل بوتۇلكىسىنى كۆتۈرۈپ يامغۇردا نەق مەيداننى قوغدىدى، بۇ جەرياندا ئۇ كۆپ قېتىم ئېڭىشىپ، چېچىلىپ كەتكەن پۇللارنى تېرىپ بىر يەرگە يىغدى.
تەخمىنەن ئون مىنۇت ئۆتكەندە بىر بوۋاي كېلىپ بۇ پۇللارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىكەنلىكى، ئايالىنىڭ كونا نەرسىلەرنى رەتلەۋاتقاندا، پۇل قاچىلانغان خالتا ئېھتىياتسىزلىقتىن دېرىزىگە ئىلىنىپ قېلىپ يىرتىلىپ كەتكەنلىكىنى، قوشنىسى ئىشىكىنى چېكىپ ئەھۋالنى ئېيتقاندىن كېيىنلا پۇللارنىڭ چېچىلىپ كەتكەنلىكىنى بىلگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئەمما ياڭ فەن پۇلنىڭ سوممىسىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ساقچىغا مەلۇم قىلغانلىقى، ساقچىلار نەق مەيدانغا كېلىپ بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، بۇ پۇللار ھەقىقەتەن بۇ بوۋاينىڭ ئىكەن، كېيىن ساقچىلار ۋە ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ ياردىمىدە بۇ 70 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل يىغىۋېلىنىپ بوۋايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.
«بۇ پۇل بىز ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننىڭ كۈتۈنۈش پۇلى ئىدى، ھېلىمۇ ياخشى بۇ ياش يىگىت بولۇپ قاپتۇ» دېدى بوۋاي شۇ ئىشتىن كېيىن مىننەتدارلىق بىلەن.
ئىگىلىنىشىچە، ياڭ فەن جىنىڭ شەھەرلىك يېزا سودا بانكىسى شيەنيىڭ تارماق بانكىسى خېرىدارلار كەسپىنىڭ دىرېكتورى بولۇپ، بۇ قېتىمقى «پۇل قوغداش» كەچۈرمىشىگە قارىتا مۇنداق دېدى:
«مەن شۇ چاغدا بۇ پۇل چوقۇم ئاسان قولغا كەلمىگەن، بۇ ئىشنىڭ چوقۇم بىر سەۋەبى بار، ئامال بار باشقىلارنىڭ زىيىنىنى ئازايتىشىم كېرەك دەپ ئويلىدىم».