خەتەرلىك پەيىتتە پيىز توختىۋىلدى

ئەلكۈيى
2020-12-14
來源:中国维吾尔语广播CNR




مەلۇم يول بۆلىكىدە قۇم-شېغىل توشۇيدىغان بىر يۈك ئاپتوموبىلى يولدىن چىقىپ كېتىپ، پويىز رېلىسىنىڭ يېنىغىلا ئۆرۈلدى، پويىز بۇ چاغدا ئاپتوموبىل ئۆرۈلگەن جايغا قاراپ بارغانسېرى يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى، 500 مېتىر، 300 مېتىر، 200 مېتىر...... خەتەر قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدىلا قالغانىدى!

شۇ خەتەرلىك پەيتتە، تۇيۇقسىز بىر كۆلەڭگە پەيدا بولۇپ، ئۇچقاندەك يۈگۈرگىنىچە «تېز توختاڭ! تېز توختاڭ!» دەپ ۋارقىراپ، توختىماي قول پۇلاڭلاتتى، ئۆرۈلۈپ كەتكەن ئاپتوموبىلغا 50 نەچچە مېتىر قالغاندا پويىز مۇۋەپپەقىيەتلىك توختىتىۋېلىندى.

يېقىندا خېگاڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى تارماق ئەترىتى چارلاش چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىسى جۇ خې كېچىلىك ئىسمېنىدىن چۈشۈپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ قىزىل بايراق ئورمانچىلىق مەيدانى تەكشۈرۈش پونكىتى ئەتراپىدىن ئۆتكەندە، لىق قۇم-شېغىل قاچىلانغان بىر يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ يول بويىدىكى رېشاتكىغا سوقۇلۇپ، پويىز رېلىسى يېنىغىلا ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىكىنى، ئاپتوموبىلدىكى قۇم-شېغىللارنىڭ رېلىس ئۈستىگە چېچىلىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى.

بۇ چاغدا بىر پويىز غۇيۇلداپ كېلىشكە باشلىدى، جۇ خې بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە قارىماي نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى يول ئۇلىدىن سەكرەپ چۈشۈپ، دەرھال پويىز كېلىۋاتقان تەرەپكە قاراپ ئۇچقاندەك يۈگۈردى. ئۇ يۈگۈرگەچ پۈتۈن كۈچى بىلەن توۋلاپ ۋە قول پۇلاڭلىتىپ پويىز شوپۇرىنى پويىزنى توختىتىشقا ئىشارەت قىلدى. پويىز ئۆزىگە يېقىنلاپ بىر نەچچە مېتىر قالغاندىلا ئۇ يول بويىدىكى يانتۇلۇققا يامىشىپ چىقىپ ئۆزىنى دالدىغا ئالدى، پويىز شوپۇرى بىرەيلەننىڭ قول پۇلاڭلىتىپ ئىشارەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ جىددىي تورمۇز قىلدى، بىر نەچچە سېكۇنتتىن كېيىن پويىز قۇم-شېغىل دۆۋىسىگە 50 نەچچە مېتىر قالغان يەردە توختىدى.

پويىز شوپۇرى پويىزدىن چۈشۈپ ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداننى كۆرۈپ، ئەگەر جۇ خې ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي يۈگۈرۈپ كېلىپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرمىگەن بولسا زور ۋەقە يۈز بېرەتتىكەن، دەپ چۆچۈپ كەتتى.


قار-مۇز بىلەن قاپلانغان دالىدا، ئۇنىڭ ئىسسىق قەلبى جاھاننى ئىللىتتى، ھەممەيلەن جۇ خې ئۈچۈن ئالقىش ياڭراتتى!