تۇرپاندا يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كىيىن

ئەلكۈيى تورى
2020-12-14
來源:تىيانشان تورى

تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىدا يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن

20 تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ئەترىتى مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈردى



شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىننىڭ تۇرپان شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاچقان تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئىدىقۇت رايونىدا يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، تۇرپان شەھىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى دەرھال قوزغاتقان، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى بىرىنچى ۋاقىتتا مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى تۇرپان شەھىرىگە ئەۋەتىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان، ھەرقايسى تەرەپتىكى كۈچلەر تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ۋە مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرغان. نۆۋەتتە، تەشكىللەنگەن 20 تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ئەترىتى مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان، يېقىندىن ئۇچراشقان 27 كىشى، يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقان 76 كىشى رەتكە تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن، ھەممىسى مەركەزلىك ئايرىپ كۆزىتىلگەن.

تۇرپان شەھەرلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر مىڭ گوفۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: 12-ئاينىڭ 12-كۈنى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى نوكلېئىك كىسلاتاسى بويىچە قەرەللىك تەكشۈرۈش جەريانىدا، تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققان بىرەيلەننى بايقىغان، مۇتەخەسسىسلەر كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى دەپ دىياگنوز قويغان. كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن تۇنجى يۇقۇملانغۇچى بايقالغاندىن كېيىن، تۇرپان شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تارماقلىرى تېزلىكتە ئۇنىڭ بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار ھەم يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقانلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، ھەممىسىنى نوكلېئىك كىسلاتاسى بويىچە تەكشۈرگەن. تۇنجى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئۆيىدە بەش جان بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ خوتۇنى، ئانىسىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققان، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ مەنپىي چىققان. نۆۋەتتە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن ئۈچ يۇقۇملانغۇچى بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىپ، ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىۋاتىدۇ.

تۇرپان شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئىشخانا مۇدىرى سۇڭ لياڭۋاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىدىقۇت رايونىدا يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، تۇرپان شەھىرى دەرھال يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى قوزغىتىپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەت كۈچلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، 20 تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ئەترىتى تەشكىللەپ، مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار، يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقانلارنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۇرپان شەھىرى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تېزدىن قانات يايدۇرۇپ، يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار، يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقانلارنى بىر ئادەمگە بىر ئادەم مەسئۇل بولۇش بويىچە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈردى، نۆۋەتتە تەكشۈرۈش نەتىجىسى بىردەك مەنپىي چىقتى؛ نۇقتىلىق رايونلاردىكى خادىملارغا قارىتىلغان نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى قوزغىتىپ، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ئولتۇراقلاشقان مەھەللىدىكى ئاھالىلەر ۋە ئۇلار تۇرۇشلۇق كارخانا قاتارلىق نۇقتىلىق رايون ھەم ئەتراپتىكى 736 كىشىنى 1:5لىك ئارىلاشما نەيچىگە ئېلىش بويىچە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى، نۆۋەتتە، نەتىجىسى بىردەك مەنپىي چىقتى؛ 12-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ، ئىككى كۈن ۋاقىت ئىچىدە ئىدىقۇت رايونىدىكى بارلىق خادىملار نوكلېئىك كىسلاتاسى بويىچە تەكشۈرۈلىدۇ.

نۆۋەتتە، تۇرپان شەھىرى نۇقتىلىق سورۇنلارنى تەكشۈرۈپ-ئۆلچەش، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، بىرىنچى ۋاقىتتا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئائىلە مۇھىتى، ئولتۇراق رايونى ھەم خىزمەت سورۇنلىرىنى ئاخىرقى ئۇچ ئۆلچىمىدە دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈردى؛ ئاممىۋى مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دېزىنفېكسىيەلەش قېتىم سانىنى ئاشۇرۇپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرى، يۇندى يولى، ئەخلەت ساندۇقى، شەھەر-يېزا يوللىرى قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلارنى دېزىنفېكسىيەلەش، مىكروب ئۆلتۈرۈشنى كۈچەيتتى؛ تازىلاش، دېزىنفېكسىيەلەش تېخنىكا قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، مەركەزلىك ئايرىش سورۇنلىرىدا دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇش، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش ۋە جىسىملارنىڭ سىرتقى يۈزى، تازىلىق سايمانلىرىنى دېزىنفېكسىيەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇتلەق بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى ۋە ئىدىقۇت رايونىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، تۇرپان شەھەرلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى تەتقىق قىلىپ مۇنداق قارار قىلدى: 12-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 20دىن باشلاپ، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى خۇڭدۇن ئولتۇراق رايونىنىڭ يۇقۇم خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى ئوتتۇراھال خەۋپ-خەتەر دەپ بېكىتىلدى.