يۇۋېنتۇس بۇ ئايلانمىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە مېھمان مەيداندا 1:3 نەتىجە بىلەن گېنويانى مەغلۇپ قىلدى، بۇ مۇسابىقىدە كرىستىيانو رونالدو يۇۋېنتۇستىكى 100-مەيدان مۇسابىقىسىنى تاماملىدى ھەمدە ئىككى توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىدىن كېيىن، كرىستىيانو رونالدو ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا يۇۋېنتۇستىكى 100-مەيدان مۇسابىقىسىنى تاماملىغانلىقىنى ھەمدە توپ كىرگۈزگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.
كرىستىيانو رونالدو مۇنداق دېدى: «يۇۋېنتۇستىكى 100 مەيدانلىق ئۆتكەلنى تەبرىكلەشتە ئىككى توپ كىرگۈزۈشتىنمۇ قالتىس ئۇسۇل بارمۇ؟ مەن يۇۋېنتۇستا بۇ ساندىكى مۇسابىقىگە قاتنىشالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن. مەن يۇۋېنتۇستىكى 100-توپۇمنى ۋە مۇسابىقە پەسلى ئاخىرىدا بارلىق چېمپىيونلۇققا ئېرىشىدىغانلىقىمىزنى ئويلاپ بولدۇم! كېلىڭلار يىگىتلەر، ئاخىرغىچە تىرىشايلى!»
ئۇنىڭدىن باشقا، كرىستىيانو رونالدو مۇسابىقىدىن كېيىنكى زىيارەتتە بارسېلونانى مەغلۇپ قىلىشنىڭ كوماندىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ئۈستىدە توختالدى: «ئۇ غەلىبە ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى بارسېلونادەك كوماندىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن تېخىمۇ زور ئىشەنچكە ئېرىشىسىز، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بىلەن گېنويادا بۇ مۇداپىئە جېڭىنى تاماملايسىز ھەمدە مۇسابىقىدە غەلىبە قىلىشقا تىرىشىسىز. ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىن كېيىنكى بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئىنتايىن قىيىن بولىدۇ، چۈنكى ھارغىنلىق ھېس قىلىسىز، چوقۇم ئۆزىكىڭىزنى (ئوخشىتىش، ياخشى ئارام ئېلىشقا كۆرسىتىلگەن) ئالماشتۇرۇشىڭىز كېرەك. ترېنېر بىزگە ھەممە ئېھتىياجلىق نەرسىنى بەردى، بىزمۇ قىلالىدۇق.»
«يۇۋېنتۇسنىڭ ھەر يىللىق نىشانى ئىتالىيە بىرلەشمىسى ۋە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش، پەقەت بىر كوماندىلا چېمپىيون بولالايدۇ، ئەمما بىزنىڭ ئىشەنچىمىز بار، بىز بارلىق مۇھىم نەرسىلەرگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلساق بولىدۇ.»