گۇگىل ئەيىپلەندى

ئەلكۈيى
2020-12-15
來源:بېتا تورى خەۋىرى



ئامېرىكا دۆلەت ئەمگەك مۇناسىۋىتى كومىتېتى (NLRB) يېقىندا تاپشۇرغان بىر پارچە شىكايەتكە ئاساسلانغاندا، گۇگول شىركىتى ئامېرىكا ئەمگەك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى تەشكىللىگەن خىزمەتچىلەرنى نازارەت قىلغان، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى كىشىنى ئىشتىن بوشاتقان.

بۇ شىكايەتتە ئىككى خىزمەتچى لاۋرېنس بېرلاند (Laurence Berland) بىلەن كاترىن سپارېس (Kathryn Spiers) تىلغا ئېلىنغان، ئۇلار 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا خىزمەتچىلەرنى ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە تەشكىللىگەنلىك سەۋەبىدىن ئىشتىن بوشىتىلغان.

بېرلاند ئەينى ۋاقىتتا گۇگول بىلەن IRI مەسلىھەت بېرىش شىركىتى (ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا قارشى تۇرىدىغان شىركەت)نىڭ ھەمكارلىق قارارىغا ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى تەشكىللىگەن، شۇ چاغدا ئۇ باشقا خىزمەتچىلەرنىڭ كۈنتەرتىپ جەدۋىلىنى تەكشۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن ئىشتىن بوشىتىلغان. ھازىر NLRB گۇگولنىڭ خىزمەتچىلەرنىڭ بەزى خىزمەتداشلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىنى تەكشۈرۈشىنى چەكلەش سىياسىتىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

بېرلاند بىر باياناتىدا مۇنداق دېدى: گۇگولنىڭ IRIنى ياللاپ ئىشلىتىشى بىر ئېنىق خىتابنامە، يەنى باشقۇرۇش قاتلىمى خىزمەتچىلەرنىڭ نارازىلىق پائالىيىتىنى تەشكىللىشىگە تاقەت قىلىپ تۇرالمايدۇ، باشقۇرۇش قاتلىمى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىغان شېرىكلىرى بىر ئۇچۇرنى يەتكۈزمەكچى بولدى، NLRBمۇ ھازىر ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى يەتكۈزمەكتە، ئىشچىلارنىڭ تەشكىلى پائالىيىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.

«مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق يېزىلغان: گۇگول خىزمەتچىلىرى ئۆز ھوقۇقىنى قوغدايدىغان پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا ھوقۇقلۇق. ھازىر NLRB بۇ قېتىمقى ئىشتىن بوشىتىشنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى.

سپارېس مۇنداق دېدى: NLRB ماڭا ۋاكالىتەن ئەرز قىلدى، ئۇلار مېنىڭ خىزمەتداشلىرىمغا ياردەم قىلماقچى بولغاندا قانۇنسىز ئىشتىن بوشىتىلغانلىقىنى بايقىدى. خىزمەتداشلار ۋە ناتونۇش كىشىلەر مېنى رولۇمنى قالايمىقان ئىشلەتتى دەپ قارىدى، چۈنكى گۇگول باشقۇرۇش قاتلىمى مەندىن ئۆچ ئالغاندا يالغان گەپ قىلدى. NLRB گۇگولنى مېنىڭ ۋەزىپەمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇسا بولىدۇ، ئەمما ئىناۋىتىمنىڭ تۆكۈلگەنلىك ئەمەلىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.