«فرانسىيە پۇتبولى» ژورنىلى بۇنىڭدىن بۇرۇن، بۇ يىللىق «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتىنىڭ يۇقۇم سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى، ئەمما «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتى باھالاش كومىتېتىنىڭ پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر 11 كىشىلىك سەپ شەكلى (قاپقىچى، سول يان بېك، ئوڭ يان بېك، ئوتتۇرا بېك، مۇداپىئەسىمان ئوتتۇرا مەيدان، ھۇجۇمسىمان ئوتتۇرا مەيدان، سول يان ھۇجۇمچى، ئوڭ يان ھۇجۇمچى، ئوتتۇرا ھۇجۇمچى قاتارلىق توققۇز ئورۇنغا 10 نەپەر نامزات) باھالاپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى باھالاشقا پۈتۈن دۇنيادىن 170 نەپەر مۇخبىر بېلەت تاشلاشقا تەكلىپ قىلىنغان.
«فرانسىيە پۇتبولى» باھالىغان پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى تۆۋەندىكىچە:
قاپقىچى: ياچىن
بېكلار: بېكېنباۋېر، پاۋلو مالدىنى، كافۇ
ئوتتۇرا مەيدان: شاۋى، ماتېئۇس، پېلې، مارادونا
ھۇجۇمچىلار: كرىستىيانو رونالدو، رونالدو، مېسسى
بۇ قېتىمقى باھالاشتا تاللانغان نامزاتلار تىزىملىكىنى ئادىل رىقابەت دىيىشكە بولىدۇ، كۆپلىگەن رىۋايەتلىك توپچىلار مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە تاللىنالمىدى، زىدانى، ئىنېستا، زىكو قاتارلىق چولپانلار، ھۇجۇمسىمان ئوتتۇرا مەيدان رىقابىتىدە پېلې بىلەن مارادوناغا ئۇتتۇرۇپ قويدى، ئوتتۇرا ھۇجۇمچى ئورنىغا بىرازىلىيەلىك تاشقى پىلانىت ئادىمى رونالدو تاللاندى، مېسسى بىلەن كرىستىيانو رونالدو بولسا، ئوڭ يان ھۇجۇمچى ھەم سول يان ھۇجۇمچى ئورنىغا تاللىنىپ، بۇ قېتىمقى 11 كىشىلىك «چۈش كوماندىسى» ئىچىدىن ئورۇن ئالدى.
قاپقىچى: ياچىن
سول يان بېك: پاۋلو مالدىنى
ئوتتۇرا بېك: بېكېنباۋېر
سول يان بېك: كافۇ
مۇداپىئەسىمان ئوتتۇرا مەيدان: شاۋى
مۇداپىئەسىمان ئوتتۇرا مەيدان: ماتېئۇس
ھۇجۇمسىمان ئوتتۇرا مەيدان: پېلې
ھۇجۇمسىمان ئوتتۇرا مەيدان: مارادونا
سول يان ھۇجۇمچى: كرىستىيانو رونالدو
ئوتتۇرا ھۇجۇمچى: رونالدو
ئوڭ يان ھۇجۇمچى: مېسسى