بارسېلونا ھۇجۇمچىسى مېسسىنىڭ كەلگۈسى تېخى ئېنىق ئەمەس، گەرچە ئۇ يازدا داۋاملىق بارسېلونادا قېلىشنى تاللىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بارسېلونا بىلەن بولغان توختامى كېلەر يىلى يازدا تولۇق ئاخىرلىشىدۇ، شۇڭلاشقا مېسسىنىڭ يەنىلا بارسېلونادىن ئايرىلىش ئېھتىماللىقى بار. بولۇپمۇ يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان مېسسى پارىژ سانت گېرمان بىلەن باغلىنىپ قالدى، ھەتتا كونا سەپدىشى نېيمارمۇ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆزىنىڭ مېسسى بىلەن يەنە بىر قېتىم سەپداش بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، پارىژ سانت گېرمان كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرمۇ مېسسى توغرىسىدا توختالدى، بۇلاردىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، پارىژ سانت گېرمان مېسسىنى قوشۇۋېلىشقا تولىمۇ قىزىقىدىغان كوماندىلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا مېسسىنىڭ قوشۇلۇش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى كوماندىلارنىڭ بىرى.
يېقىندا ئىسپانىيە تاراتقۇسى «ماركا گېزىتى» پارىژ سانت گېرماننىڭ مېسسىنى قىزىقتۇرىدىغان ئالتە تۈرلۈك ئەۋزەللىكىنى تىزىپ چىققان بولۇپ، تەپسىلىي ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:
1. زور سوممىلىق توختام
ياۋروپادىكى ئەڭ باي كۇلۇبلارنىڭ بىرى بولغان پارىژ سانت گېرماندا نېيمار، ناۋاس، مباپپې ۋە ئىكاردى قاتارلىق يۇقىرى مائاشلىق توپچىلار بار، مالىيە جەھەتتىن پارىژ سانت گېرمان مېسسى ئۈچۈن بىر زور سوممىلىق توختام سۇنۇشقا تامامەن قۇربى يىتىدۇ. ئەگەردە پارىژ سانت گېرمان ئالدى بىلەن بىر نەچچە توپچىنى ساتقاندىن كېيىن ئاندىن مېسسىنى قوشۇۋېلىشقا ئۇرۇنسا، بەلكىم تېخىمۇ يۇقىرى تەمىنات بىلەن (بارسېلونا ۋە مېسسى رەت قىلالمىغىدەك) مېسسىنى قوشۇۋالالىشى مۇمكىن.
2. كەلگۈسىدىكى رىقابەت پىلانى
ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى پارىژ سانت گېرمان ئىزچىل چېمپىيونلۇققا ئېرىشىشنى ئويلايدىغان مۇسابىقە تۈرى بولۇپ، كەلگۈسىدىمۇ ھەم شۇنداق. ئەگەر مېسسى راستىنلا پارىژ سانت گېرمانغا قوشۇلسا، شۇنداقلا پارىژ سانت گېرمان راستىنلا ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشەلىسە، ئۇنداقتا 33 ياشقا كىرگەن مېسسى كۇلۇب تارىخىدىكى تۆھپىكار توپچى بولۇپ قالىدۇ، شۇنداقلا مېسسى كەسپىي ھاياتىدا يەنە بىر قېتىم بۇ شانلىق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن بولىدۇ.
3. چولپانلاردىن تۈزۈلگەن كوماندا
ھازىر پارىژ سانت گېرماندا نېيمار، مباپپې، ئىكاردى، ناۋاس، دىمارىيا، ۋېراتتى قاتارلىق كۆپلىگەن چولپان توپچىلار بار، ئەگەر مېسسىمۇ قوشۇلسا، پارىژ سانت گېرماننىڭ تەسىر كۈچى تېخىمۇ چوڭىيىدۇ.
4. تونۇش چىرايلار، يېقىن دوستلار
مېسسى ھازىر پارىژ سانت گېرماندا توپ تىپىۋاتقان بىر قىسىم توپچىلار بىلەن بىر قەدەر تونۇش، بۇنىڭ ئىچىدە نېيمار بىلەن بارسېلونادا سەپداش بولغان، دىمارىيا بىلەن ئارگېنتىدا دۆلەت كوماندىسىدا سەپداش بولغان، ئۇنىڭدىن باشقا ناۋاس بىلەن ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە مۇسابىقە جەريانىدا ئۇچرىشىپ باققان.
5. يۇقىرى سەۋىيەلىك تۇرمۇش
بارسېلونا ھەقىقەتەن ياۋروپادىكى داڭلىق شەھەر، لېكىن پارىژ بولسا پۈتۈن دۇنيا كىشىلىرى تەلپۈنىدىغان جاي، بۇ جايدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك تۇرمۇش مۇھىتى مېسسى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ھەقىقەتەن ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ.
6. فىرانسىيە بىرلەشمىسى
پارىژ سانت گېرماننىڭ فىرانسىيە بىرلەشمىسىدىكى شاھلىق ئورنى ھەممەيلەنگە ئايان، فىرانسىيە بىرلەشمىسىدە ئاللىقاچان ھۆكۈمرانغا ئايلانغان پارىژ سانت گېرمان ئەگەر راستىنلا مېسسىنى قوشۇۋالسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ تەسىر كۈچى فىرانسىيە بىرلەشمىسىدىن ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە تارقىلىشى مۇمكىن.