« BMW X3 سىزنى ئالتۇن دەۋرگە باشلاپ كىرىدۇ» دېگەن تېمىدىكى لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتى بۇ سوغۇق قىش پەسلىگە قىزغىن كەيپىيات ئېلىپ كەلدى. ھەر قېتىمقى پائالىيەتلەر لاتارىيەچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغايدۇ، بۇ قېتىمقى« ئالتۇن دەۋر» مۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس ئىدى.
بىلىپ ـ بىلمەي 2020 ـ يىلىنىڭ تەتۈر ساناق كۈنىگە قەدەم قويدۇق، 12 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى كەچقۇرۇن شىخەنزە 134 ـ تۈەنىگە جايلاشقان 65030052 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ ئىچى ناھايىتى قىزىپ كەتتى. 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ياش لاتارىيەچى شياۋجەي بۇ يىل دوستلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن لاتارىيە سېتىۋېلىشقا باشلىغان يېڭى لاتارىيەچى بولۇپ، ھەر كۈنى خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا ئولتۇرۇپ، دۇكاندىكى پېشقەدەم لاتارىيەچىلەر ۋە ساتقۇچىلار بىلەن نومۇر تاللاش تەسىراتىنى مۇزاكىرىلىشىپ، يۆنىلىش خەرىتىسىنى كۆزىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئىلگىرى ئۇ 3D ئۇيۇنى شىخەنزە سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. يېقىندا ئۇ يەنە قوش رەڭلىك توپ ئۇيۇنى ۋە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنىغا قىزىقىپ قالغان، ئۇ بېلەت سېتىۋالغاندا پۈتۈن ۋە يېڭى ئېچىلغان بېلەتلەرنى سېتىۋالماي، پەقەت باشقىلار قىرىپ ئېشىپ قالغان ئاخىرقى بېلەتنىلا تاللاپ سېتىۋالاتتى. مال ساتقۇچى بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندىن كېيىن، ئۇ قىزىقچىلىق قىلىپ مۇنداق دېدى: « بىز ئىشلەمچىلەر ئاخىرقى بېلەتنى ئالىدىغان كىشلەرمىز!» دېدى.
بۇ قېتىمقى« ئالتۇن دەۋر» نىڭ يېڭى بېلىتى بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا، شياۋجەي مال ساتقۇچى لاۋ جاڭ مۇنداق دەپ جىكىلەپ قويغان: دۇكاندا قىرىپ بولالمىغان ئېشىپ قالغان بېلەت بار چاغدا، ئۇنىڭغا ئۈندىدار ئارقىلىق دەپ قۇيشىنى ، ۋە ئۇنىڭغا قالدۇرۇپ قويۇشنى دېگەن. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن بىرەيلەن بەش تال بېلەت لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغان بۇلۇپ دەل بىر نەچچە تال لاتارىيە بېلىتى ئېشىپ قالغان ئىدى، لاۋجاڭ دەرھال ئۈندىداردا شياۋدىغا ئۇقتۇرۇش قىلدى، شياۋجەي ئىشتىن چۈشۈپلا پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا يېتىپ كەلدى، ئۇ ئاۋۋال بىر نەچچە دو 3D ۋە قوش رەڭلىك توپ ئۇيۇنى ئويناپ، ئاندىن ئولتۇرۇپ ئاستا-ئاستا لاتارىيە بېلىتىنى قىرىشقا باشلىدى. ئالدىنقى بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بېلىتىدىن مۇكاپات چىقمىدى، تۆتىنچى پارچىسىنى قىرىۋاتقاندا، ئۇ ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن مال ساتقۇچى لاۋ جاڭغا:«ماڭا ماشىنا مۇكاپاتى چىقتى!» دېدى. لاۋجاڭ ئىشەنمىگەن ھالدا:« راستمۇ؟ ماڭا چاقچاق قىلماڭ،مەن كۈرۈپ باقاي!» ــ دېدى، شياۋجەي قولىدىكى بېلەتنىڭ يېرىمىنى لاۋجاڭغا بەردى، دۇكاندىكى باشقا بىرنەچچە لاتارىيەچىمۇ ئولىشىۋېلىپ، ماشىنىنىڭ سۈرىتى تىزىلغانلىقىنى كۆردى. لاۋجاڭ چاۋاك چېلىپ:«ـــ يىگىت، بېلەتنى ئېلىۋېلىڭ، مەن سىزنى بىر پارچە سۈرەتكە تارتىپ قوياي، دۇكىنىمىزدىن ئاخىرى كاتتا مۇكاپات چىقتى!» -دېدى.
زىيارەت جەريانىدا، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى شياۋجەي ئۆزىنىڭ تېخى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى يوقلىقىنى بىلدۈردى، ۋاقتىنچە شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىشنى ياكى ماشىنىنى بىۋاستە ئۆتۈنۈپ بېرىشنى ئويلاشمىغانلىقىنى لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا قانداق تاللىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنىلا لاتارىيە ئىشلىرىنى بۇرۇنقىدەكلا قوللايدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئامىتىنى ياردەمگە موھتاج كىشىلەرگە ئېلىپ كېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.