نويېر FIFA يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر قاپقىچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

alkuyi.com
2020-12-18
來源:fifa.com

خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى (FIFA) ئورگان تورى: بايرېن مىيۇنخېن قاپقىچىسى نويېر 2020-يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر قاپقىچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ئۇ بۇ باھالاشتا مادرىد ئاتلېتكا قاپقىچىسى ئوبلاك ۋە لىۋېرپول قاپقىچىسى ئالىسسوننى مەغلۇپ قىلىپ تۇنجى قېتىم بۇ شەرەپكە ئېرىشتى!

FIFA «يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر قاپقىچى مۇكاپاتى»نى تۆت يىل بۇرۇن تەسىس قىلغان، بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇففون، كۇرتۇۋا ۋە ئالىسسون بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

نويېر 2020-يىلى بايرېن مىيۇنخېن بىلەن بىرگە بەش شاھلىققا ئېرىشتى، بۇ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى، گېرمانىيە بىرلەشمىسى، گېرمانىيە لوڭقىسى، گېرمانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ۋە ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى قاتارلىق بەش تۈرلۈك مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

نويېر 2019/2020 مۇسابىقە پەسلىدە بايرېن مىيۇنخېنغا ۋاكالىتەن 51 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 49 توپ كەتكۈزگەن، 22 مەيداندا توپ كەتكۈزمىگەن، بىرلەشمىدە 33 مەيداندا 31 توپ كەتكۈزۈپ 15 مەيداندا توپ كەتكۈزمىگەن، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە 11 مەيداندا سەككىز توپ كەتكۈزۈپ ئالتە مەيداندا توپ كەتكۈزمىگەن.