خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى (FIFA) ئورگان تورى: توتتېنھام ھۇجۇمچىسى سون خيۇڭمېننىڭ بۇرنلېيغا كىرگۈزگەن توپى 2020-يىللىق پۇسكاس مۇكاپاتىغا ئېرىشتى! ئۇ مالايسىيالىق توپچى سۇبرىدىن كېيىن ئىككىنچى بولۇپ بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن ئاسىيالىق توپچى ھېسابلىنىدۇ.
سون خيۇڭمېننىڭ بۇ توپىدىن باشقا، سۇئارېزنىڭ ئارقىچىلاپ كىرگۈزگەن توپى ۋە فلامېنگودىكى دې ئاراسكائېتانىڭ يىراقتىن كىرگۈزگەن توپى نامزاتلار تىزىملىكىگە كىرگەن.
پۇسكاس مۇكاپاتى دېگىنىمىز يىللىق ئەڭ نادىر توپ مۇكاپاتى، ۋېنگرىيەلىك مەشھۇر پۇتبولچى پۇسكاسنى ياد ئېتىش ئۈچۈن 2009-يىلى تەسىس قىلىنغان، پۈتۈن بىر يىل ئىچىدە ئەڭ نادىر توپنى كىرگۈزگەن توپچىغا بېرىلىدۇ.
بۇنىڭدىن بۇرۇنقى پۇسكاس مۇكاپاتى ساھىبلىرى:
2009-يىلى: كرىستىيانو رونالدو، خانلىق مادرىد
2010-يىلى: ئالتىنتوپ، بايرېن مىيۇنخېن
2011-يىلى: نېيمار: سانتوس
2012-يىلى: ستوچ
2013-يىلى: ئىبراھىموۋىچ، شۋېتسىيە كوماندىسى
2014-يىلى: خامېس رودرىگۇز، كولۇمبىيە كوماندىسى
2015-يىلى: لىرا، گويانىئېنس
2016-يىلى: سۇبرى، مالايسىيا كوماندىسى
2017-يىلى: گىرۇد، ئارسېنال
2018-يىلى: سالاھ، لىۋېرپول
2019-يىلى: دانىئېل زورى، دابرېسىنى