بۇ ئىنچىكە نۇقتىلاردىن بىر ئادەمنىڭ ئىشەنچلىك ياكى ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالالايسىز

ئەلكۈيى تورى
2020-11-06
來源:بەيدۇ تورى

ئىشەنچلىك بولۇش بىر خىل قىممەتلىك پەزىلەتتۇر. ئىشەنچسىز كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىش ۋاقىت ۋە ھاياتقا بولغان زور ئىسراپچىلىق. ئۇنداقتا بىر ئادەمنىڭ ئىشەنچلىك ياكى ئەمەسلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلىش كېرەك؟ كۆپچىلىك بىلەن بىرگە تۆۋەندىكى ئالتە تەپسىلاتنى كۆرۈپ باقايلى.

1. تاپشۇرۇۋالسا جاۋاب قايتۇرۇش

بىر خىل ھۆرمەت بار، يەنى تاپشۇرۇۋالسا جاۋاب قايتۇرۇش. ھازىر ئۇچۇر دەۋرى، قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئۇچۇر يوق، پەقەت ئۇچۇر قايتۇرغۇسى كەلمەيدىغانلار بار دېيىشكە بولىدۇ. ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇش-قايتۇرماسلىق بىر ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى سىنايدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت.

تۇرمۇشتا بىر خىل كىشىلەر بولۇپ، خىزمەتتە ئەزەلدىن ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرمايدۇ، ھالقىلىق پەيتتە ھامان ئالاقىلاشقىلى بولمايدۇ، بۇنداق كىشىلەر كۆپىنچە ئىشەنچسىز كىشىلەر دەپ قارىلىدۇ.

ئىشەنچلىك ئادەم دېگەندە ھەممە ئىشقا جاۋاب قايتۇرىدىغان، ھەممە ئىشنى زىممىسىگە ئالىدىغان بولۇش دېگەنلىكتۇر.

ئۇچۇر قايتۇرۇش گەرچە كىچىك ئىش بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ ئىشەنچلىك ياكى ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

بىر ئادەم خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا، ئەگەر ۋاقتىدا ئەستايىدىل جاۋاب قايتۇرالىسا، ئۇنداقتا ئۇ چوقۇم سەۋرچان، مەسئۇلىيەتچان ئادەم بولىدۇ.

2. ۋاقىتقا رىئايە قىلىپ ۋەدىسىدە تۇرماسلىق

ۋاقىتقا رىئايە قىلىش باشقىلارغا بولغان ئەڭ ئاساسلىق ھۆرمەت ۋە ئەدەپ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ۋاقىتقا رىئايە قىلىش بىر ئادەمنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يېنىدا كېچىكىشنى ياخشى كۆرىدىغان دوستلىرى بار، ساۋاقداشلار يىغىلىشى بولسۇن ياكى دوستلىرى تاماققا تەكلىپ قىلسۇن، دائىم مىسىلداپ كېلىدۇ، ئىشتىن كېيىن بىر ئېغىز كەچۈرۈم سوراش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە بۇ كىچىك ئىش دەپ قاراپ، باشقىلارنىڭ يىپىدىن-يىڭنىسىغىچە زىغىرلاپ كېتىشىدىن ئاغرىنىدۇ.

ھەممە ئادەمنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى ئالدىراش، ئۇنداقتا سىزنىڭ باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىشقا يەنە قانداق سەۋەبىڭىز بار؟

ھەمىشە باشقىلارنىڭ ۋاقىتنى ئەھمىيەتسىز كۈتۈشكە سەرپ قىلدۇرۇش، قىلچە خىجىللىق تۇيغۇسى بولماسلىق، بۇ ئەمەلىيەتتە بىر خىل شەخسىيەتچىلىكتۇر.ۋاقىتقا رىئايە قىلىش باشقىلارغا بولغان ئەدەپ-ئەخلاق ۋە ھۆرمەتنى ئىپادىلەيدۇ، شۇڭا ئۇ بىر ئادەمنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتىنىڭ سىمۋولى، ۋاقىتقا رىئايە قىلىدىغان ئادەم تېخىمۇ ئىشەنچلىك بولىدۇ.

3. ۋەدىگە ئەمەل قىلىش

ھەرقانداق ئىشتا ئاسانلىقچە ۋەدە بەرمەڭ، چۈنكى تۈكۈرگەن تۈكۈرۈكنى ئېغىزغا ئالغىلى بولمىغانغا ئوخشاش، ئېغىزدىن چىققان گەپنىمۇ قايتۇرۋالغىلى بولمايدۇ. ۋەدە بېرىشتىن بۇرۇن، قىلالايدىغان ياكى قىلالمايدىغانلىقىڭىزنى چوقۇم ياخشى ئويلىنىڭ، ئەگەر قىلالمىسىڭىز، نوچىلىق قىلىپ ماقۇل بولماڭ. ۋەدە بەرگەن ھامان، مەيلى قانچىلىك قىيىن بولسۇن، چوقۇم قىلىش كېرەك.

ئادەم ئىشەنچلىك بولمىسا، پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، سەمىمىي، لەۋزىدە تۇرۇش خاتىرجەم ياشاشنىڭ ئاساسى. ئادەم ۋەدىسىدە تۇرغاندىلا ئاندىن سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، ۋىجدانلىق بولالايدۇ. ئاغزىدا ئىشەنچلىك بولغاندىن كۆرە ئەمەلى ھەرىكىتى ئىشەنچلىك بولغان ئەلا، مۇنداقچى ئېيتقاندا يەنىلا ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىغان ئادەم ئىشەنچلىك.

4. كەمتەر بولۇش، ماختانماسلىق

كۇڭزى مۇنداق دېگەن: «ئالىيجانابلار گەپ-سۆزدە ئېھتىياتچان، ئىش-ھەرىكەتكە چاققان بولۇر».

كەمتەر، ئېھتىياتچان ئادەم ئاسانلا باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىدۇ، ماختانچاق ئادەم كۆپ ھاللاردا ئادەمنى بىزار قىلىدۇ. ھەقىقىي قابىلىيەتلىك كىشىلەر ھەمىشە ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇپ، يۈزەكى ئىش قىلمايدۇ. پەقەت تاشقى جەھەتتە كۈچلۈك، ئەمما ئەمەلىي ئىش قىلمايدىغان كىشىلەرلا كۈن بويى ئۆزىنى قالتىس چاغلايدۇ. كەمتەر ئادەم ھەمىشە بىر خىل ھەممە ئىشنى پىششىق بىلىدىغان سالماق مىجەزگە ئىگە بولىدۇ، بۇنداق ئادەم ئەڭ ئىشەنچلىك بولۇپ ، ئىشىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

5. تۆۋەن چەك بولۇش

ئادەم بولۇشتا چوقۇم تۆۋەن چەكنى ساقلاش كېرەك، تۆۋەن چەكنى ساقلاش ئادىمىيلىكنى، غۇرۇرنى ساقلىغانلىق. بۇنداق كىشىلەر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا، قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ يېلىنمايدۇ، يۇقىرى ئورۇندا تۇرغاندىمۇ، ھەممەيلەنگەن ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ.

ئۆزى چىڭ تۇرىدىغان ئىشەنچ بولسىلا، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك، مەيلى قانداق ئېزىقتۇرۇش ياكى قىيىنچىلىققا يولۇقسۇن، ھەرگىز تەۋرىنىپ قالماسلىق كېرەك.

تۆۋەن چەك بولغان كىشىلەردە ئاندىن ئىرادە بولىدۇ، تۆۋەن چەك بولغان كىشىلەردە ئاندىن جاسارەت بولىدۇ، تۆۋەن چەك بولغان كىشىلەر ئاندىن تېخىمۇ ئىشەنچلىك بولىدۇ.

6. باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش

كىشىلىك ھاياتتا، ھەر بىر ئادەم ئۆزىگە تەۋە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى، ئۆزىنى قاچۇرماسلىقى، ئۆز-ئارا ئىتتىرمەسلىكى كېرەك. مەسئۇلىيەتچان ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان ھاياتىمۇ بولىدۇ. مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالمىغان ئادەم باشقىلارنى كۆزگە ئىلمايلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈۋالىدۇ.

بىر ئادەمنىڭ چوڭقۇر دوستلىشىشقا ئەرزىيدىغان-ئەرزىمەيدىغانلىقىغا قاراشتا، ئۇنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان-ئالالمايدىغانلىقىغا قاراش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالمايدىغان ئادەم بىلەن ھەرگىزمۇ دوست بولۇپ قالماسلىق كېرەك، چۈنكى سەللا دىققەت قىلمىسا ئالدىنىپ قالىدىغان ئىش چىقىدۇ. ئىشەنچلىك ئادەملەر قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدۇ، ئۆزىنى قاچۇرمايدۇ، مەسىلىگە يولۇققاندا ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىدۇ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئالالايدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى كۆپ ھاللاردا ئەقىللىك بولۇشتىن ئىشەنچلىك بولۇش تەس.