چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى: لىۋېرپول VS ئاتلانتا مۇسابىقىسىگە نەزەر

ئەلكۈيى تورى
2020-11-25
來源:تېڭشۈن تورى


بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەر 4:00تىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 3-ئايلانمىسىدا، لىۋېرپول ساھىبخان مەيداندا ئاتلانتا بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. لىۋېرپول ھازىر ئۆز گۇرۇپپىسىدا بىرىنچى ئورۇندا، ئاتلانتا بولسا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرماقتا. بۇ ئىككى كوماندىنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا، لىۋېرپول 5-0 نەتىجىدە غەلىبە قىلغان، ئۇنداقتا لىۋېرپول بۇ مەيدان مۇسابىقىدە داۋاملىق غەلىبە قىلالامدۇ؟

مۇسابىقە خاراكتىرى: ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 4-ئايلانمىسى

مۇسابىقە ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەر 4:00

مۇسابىقە ئورنى: ئەنفېلد توپ مەيدانى


لىۋېرپولنىڭ ئەھۋالى:

لىۋېرپول ئالدىنقى پەسىل ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە 16 كۈچلۈكتە شاللىنىپ كەتكەن. كوماندىنىڭ ئىككى ھۇجۇمچىسى سالاھ بىلەن مانېنىڭ ئىپادىسى يەنىلا قالتىس بولماقتا، مۇھىمى لىۋېرپول ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى ساھىبخان مەيدان مۇسابىقىسىدە ئۇدا 19 مەيدان مەغلۇپ بولمىدى، ئۇلارنىڭ ئالدىنقى قېتىم ساھىبخان مەيداندا مەغلۇپ بولغان ۋاقتى 2014-يىلى، ئەينى يىلىدىكى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە 0-3 نەتىجىدە خانلىق مادرىدقا ئۇتتۇرۇپ قويغان. ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 3-0 نەتىجىدە لېيچىستېر شەھىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، بىرلەشمە تەرتىپىدە ئىككىنچى ئورۇنغا چىقتى، پەقەت ساپ توپ پەرىقى بىلەنلا توتتېنھامنىڭ كەينىدە تۇرماقتا. بۇنىڭدىن باشقا، لىۋېرپول ئالدىنقى ئايلانمىدا مېھمان مەيداندا 5-0 نەتىجىدە ئاتلانتانى مەغلۇپ قىلدى، شۇڭا بۇ قېتىم ئۆز مەيدانىدا غەلىبە قىلىش نىسبىتى يۇقىرى.


ئاتلانتانىڭ ئەھۋالى:

ئاتلانتا ئالدىنقى پەسىل ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە ئۈچىنچىلىككە ئېرىشىپ، ئىككىنچى قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىش سالاھىتىگە ئېرىشتى، ئالدىنقى پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە سەككىز كۈچلۈككە كىرىپ كوماندا تارىخىدا رېكورت ياراتتى. بۇ پەسىللىك ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە 11 توپ كىرگۈزۈپ بولدى، ھەمدە بىرلەشمىدىكى مېھمان مەيداندا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن ئىككىنچى كوماندىغا ئايلاندى. ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 0-0 نەتىجىدە سپىزىيا بىلەن تەڭلىشىپ، ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى يېقىنقى ئۈچ قېتىملىق مېھمان مەيدان مۇسابىقىسىنىڭ ئىككى مەيدانىدا غەلىبە قىلىپ بىر مەيدانىدا تەڭلەشتى، ئىپادىسى خىلى ياخشى، لېكىن ئۇلار چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ئالدىنقى ئايلانمىسىدا ئۆز مەيدانىدا 0-5 نەتىجىدە لىۋېرپولغا ئۇتتۇرۇپ قويدى، شۇڭا بۇ قېتىم مېھمان مەيداندا لىۋېرپولنى مەغلۇپ قىلىش نىسبىتى تۆۋەن.