ئارگېنتىنا پۇتبول شاھى مارادونا چارشەنبە كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى، بىرازىلىيىلىك رىۋايەتلىك ھۇجۇمچى رونالدو ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئاكونتىدا مارادوناغا تەزىيە بىلدۈردى.
رونالدو مۇنداق دەپ يازدى: «پۇتبول مەستانىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ نەقەدەر ئېچىنىشلىق بىر كۈن ھە. پۇتبول ھەرىكىتى ئەڭ مۇھىم ئادىمىدىن ئايرىلىپ قالدى. مەن بىر ئۇلۇغ دوستتىن ئايرىلىپ قالدىم. مەن كىچىكىمدىن تارتىپ ئۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ كەلدىم».
«سېنىڭ تۇيۇقسىز كېتىپ قېلىشىڭ كىشىنى چۆچۈتىدۇ. ئەمما مەن يەنىلا ھاياتىمدا سەن بىلەن كۆرۈشەلىگىنىمگە رەھمەت ئېيتىمەن. سېنىڭ رىۋايىتىڭ مەڭگۈلۈك. سېنىڭ چىملىكتىكى سېھرىڭ مەڭگۈ غايىب بولمايدۇ. خاتىرجەم ياتقىن دوستۇم، ئائىلەڭدىكىلەر ۋە سېنى سۆيىدىغان مەستانىلەردىن ھال سورايمەن»