يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسىنىڭ تېز تارقىلىشى كىشىلەرنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى، « دەرىجىدىن تاشقىرى تارقاتقۇچى» بىر مەھەل قىزىق تېمىغا ئايلاندى. ئەمەلىيەتتە ئىنسانلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بىلەن كۈرەش قىلغان نەچچە مىڭ يىل ئىچىدە مەيلى خولېرا، چۇما، چېچەك، ماخاۋ ياكى كېزىك تاياقچە باكتېرىيەسى بولسۇن، ھەممىسىدە دەرىجىدىن تاشقىرى تارقاتقۇچىلار پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن.
ئادەتتە تىلغا ئېلىنغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئادەتتە ھەزىم قىلىش يولى، نەپەس يولى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇچرىشىپ تارقىلىشنى ئاساس قىلىدۇ، ئۇنداقتا نۆۋەتتە جىنسىي ھەرىكەتنى ئاساسلىق تارقىلىش يولى قىلغان ئەيدىز كېسەللىكى ئىچىدە «دەرىجىدىن تاشقىرى تارقاتقۇچى» بارمۇ؟
جاۋابى ئېنىق.
ئەيدىز كېسىلىدە« دەرىجىدىن تاشقىرى تارقاتقۇچىلار» تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە:
1. يۇقۇملانغۇچىنىڭ بەدىنىدىكى ۋىرۇسلارنىڭ مىقدارى يۇقىرى بولىدۇ.
تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە،HIV نىڭ جىنسىي يول ئارقىلىق تارقىلىش نىسبىتى مۇسبەت ھەمراھىنىڭ بەدىنىدىكى ۋىرۇسلارنىڭ مىقدارى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يۇقۇملانغۇچىنىڭ تېنىدىكى ۋىرۇسلارنىڭ مىقدارى ھەر قېتىمدا 10 ھەسسە كۆپەيسە، تارقىلىش خەتىرى تەخمىنەن 2.5 ھەسسە ئاشىدىكەن.
2. يۇقۇملانغۇچىدا كۆپ قېتىم ئالمىشىش خاراكتېرلىك كۆپ خىل ھەمراھ بولۇش
بولۇپمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپ خىل جىنسىي ھەمراھ بولۇپ، ئاسانلا توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. كۆز بىلەن پەرق ئەتكىلى بولمايدۇ.
ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ« دەرىجىدىن تاشقىرى تارقاتقۇچىلىرى» ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىگە ئوخشاش بولۇپ، كۆز بىلەن پەرق ئەتكىلى بولمايدۇ.
بىز ئىلگىرى زىيارەت قىلغان بىر قىسىم يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئەسلىشىچە، ئۇلار «قارىماققا ناھايىتى ساغلام، ناھايىتى پاكىز»بولغان ھەمراھى بىلەن گاندۇن تاقىماي جىنسىي قىلمىش سادىر قىلغانىكەن. ئەيدىز كېسەللىكىنىڭمۇ يوشۇرۇن مەزگىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەچچە يىل، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن بولىدۇ، بۇ مەزگىلدە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى قارىماققا «ساغلام» كۆرۈنىدۇ، ئەمما يۇقۇمچانلىققا ئىگە بولىدۇ. شۇڭا شەخسنىڭ سۇبيېكتىپ تەسىراتى ئارقىلىق جىنسىيەتكە ھەمراھ بولۇشنىڭ بىخەتەرلىكىنى باھالاش خاتا ھەرىكەتتۇر.
ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى تارقاتقۇچىسى» ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئۆزى بىلەن ئۇچراشقان باشقا كىشىلەرگە ناھايىتى يۇقىرى ئۈنۈمدە تارقىتالايدۇ. شۇڭا، « دەرىجىدىن تاشقىرى تارقاتقۇچىلار» نىڭ يۇقۇملىنىشىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم. بىز تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك:
1.ئۆزىنى ياخشى كونترول قىلىش كېرەك.
كۆپچىلىككە مەلۇمكى، يېڭى تىپتىى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ قوزغىلىش يۇقىرى پەللىسىدە مۇتەخەسسىسلەر سىرتقا چىقىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىپ، ئادەم كۆپ جايغا ياكى ئاممىۋى سورۇنلارغا بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك دەپ تەكلىپ بەردى. بۇ ئۇسۇلنىڭ مەقسىتى خەتەرلىك ھەرىكەتلەرنى ئازايتىپ، خەتەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىشتىن ئىبارەت. ئوخشاشلا، بىز قانداق قىلغاندا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش خەتىرىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتەلەيمىز؟ توغرا، ئۇ بولسىمۇ ئەيدىز كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك خەتەرلىك قىلمىشلارنى ئازايتىش، مەسىلەن: جىنسىي ھەمراھىنى ئالماشتۇرۇش چاستوتىسىنى ئازايتىش.
2.بىخەتەرلىك مۇداپىئەسى ئىنتايىن مۇھىم
نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ قان سېلىش ئارقىلىق تارقىلىشى ئاساسىي جەھەتتىن ئۈزۈلدى، ۋىنادىن زەھەر چېكىش ئارقىلىق يۇقۇش ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇش ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنىپ، جىنسىي يول ئارقىلىق يۇقۇش ئاساسلىق تارقىلىش يولى بولۇپ قالدى. شۇڭا، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن گاندون تاقاش خۇددى ماسكا تاقاپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئالغانغا ئوخشاش ئاددىي ھەم ئۈنۈملۈك.
3.ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى بالدۇرراق قوللىنىش كېرەك.
ئەگەر گاندون ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز، خەتەرلىك جىنسىي قىلمىش ياكى گاندوننىڭ يېرتىلىشى قاتارلىق تاسادىپىي ئەھۋاللار يۈز بەرسە، يامان نەتىجىنى ساقلاپ ئەخمەقلەرچە كۈتۈپ ئولتۇرماسلىق كېرەك،بىزنىڭ يەنە ئۆزىمىزنى قۇتقۇزۇش پۇرسىتىمىز بار. ئېسىڭىزدە بولسۇن، بالدۇرراق بولۇڭ!
ئەسلىدە ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن تارتىپ ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسىدىن يۇقۇملىنىشقىچە نەچچە كۈن ۋاقىت كېتىدىكەن. بۇ مەزگىلدە دورا ئارقىلىق يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاشكارىلانغاندىن كېيىن دورا ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە ئۈچ خىل بىرلەشمە دورا ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
4.قەرەللىك تەكشۈرۈش كەم بولسا بولمايدۇ.
ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش خەتىرى يۇقىرى كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن، ئەيدىز ئانتىتېلاسىنى قەرەللىك تەكشۈرۈش مۇھىم تەدبىر ھېسابلىنىدۇ. دورا بىلەن داۋالاش ئارقىلىق، كۆپ ساندىكى يۇقۇملانغۇچىلار نورمال تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ.