بۇ يىلدىكى ئاخىرقى ئايدا غەيرەت قىلىڭ

ئەلكۈيى تورى
2020-12-01
來源:ئەلكۈيى تورى

12-ئاينىڭ تۇنجى كۈنىدىكى شامالدا قەھرىتان قىشنىڭ ھەيۋىسى بار ئىدى، 11-ئايمۇ ئادەتتىكىدەكلا ئاخىرلاشتى. بۇ يىلمۇ ئاخىرلىشاي دەپ قالدى. ئىلگىرى ساددىلارچە تېخى ئۇزۇن دەپ ئويلىغان 2020-يىلىدىن ئەمەلىيەتتە يەنە پەقەت ئەڭ ئاخىرقى بىر ئايلا قالدى. بۇ بىر يىلنى ئەسلىسەك، بىز يىغلاپ سۈكۈتكە چۆمىدىغان، كۈلۈپ ھاياجانلىنىدىغان خۇشاللىق ۋە قايغۇنىڭ ھەممىسى بار. 2020-يىلى ئاجايىپ بىر يىل، بىز بىرلىكتە دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن كەچۈردۇق. بۇ بىر يىلدىكى سىزنىڭ ھالقىلىق سۆزىڭىزنىڭ نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزىڭىزگە رەھمەت ئېيتىڭ، ئىزچىل تىرىشقىنىڭىزغا، ئىزچىل ۋاز كەچمىگىنىڭىزگە رەھمەت ئېيتىڭ. 2020-يىلىدا يەنە قايسى كىچىك نىشانلارنى تاماملاپ بولالمىدىڭىز؟ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئايدا، يەنە بىر تىرىشىپ بېقىڭ، داۋاملىق غەيرەت قىلىڭ. توختىماي ئالغا بېسىپ، كېلىشىگە ئازلا قالغان 2021 -يىلىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالايلى!