ئەلكۈيى تورى تەرجىمىسى : مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى« بۇ يىل قىش ۋە كېلەر يىلى ئەتىيازدا مەكتەپ يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ« ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ) نى بېسىپ تارقىتىپ، جايلار ۋە مەكتەپلەردىن بۇ يىل قىش ۋە كېلەر يىلى ئەتىيازلىق يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، مائارىپ سىستېمىسى يۇقۇم مۇداپىئە سېپىنى چىڭ ساقلاپ، بۇ يىل قىش ۋە كېلەر يىلى ئەتىيازدا مەكتەپ يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش خىزمىتىنى قەتئىي بوشاشتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلدى.
قىش كىرگەندىن بۇيان، دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن جايلاردا يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلدى، « سىرتتىن كىرىش، ئىچكى قىسىمدا قايتا پەيدا بولۇش» ۋەزىيىتى كەسكىن، ۋەزىپىسى مۈشكۈل بولۇپ، مەكتەپلەردە قىسمەن يىغىلىش خاراكتېرلىك يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بېرىش خەۋپى زورايدى.
« ئۇقتۇرۇش» تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جايلار، مەكتەپلەر بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتىكى ھالقىلىق مەزگىل ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، مەكتەپتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ تارقاتقان ئالىي مەكتەپلەر، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە يەسلى ئاپپاراتلىرىنىڭ كۈز، قىش پەسىللىك يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تېخنىكا لايىھەسىنىڭ تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، شەخسلەر تەڭ ئالدىنى ئېلىش، كۆپ كېسەل تەڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈندىلىك باشقۇرۇش ۋە توپلىشىش خاراكتېرلىك پائالىيەتلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىنىپ، ئاشخانا، ياتاق، تەجرىبىخانا قاتارلىق نۇقتىلىق سورۇنلارنىڭ تازىلىقىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش لايىھەسى ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدا يېڭى تاجىلىق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالى ۋە باشقا كۆپ ئۇچرايدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بىلەن گىرەلىشىپ كېتىش خەتىرىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ساقلىنىش كېرەك.
«ئۇقتۇرۇش» تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى مەكتەپلەر توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئىمپورت قىلىنغان سوغۇق زەنجىرلىك يېمەكلىك كىرگۈزۈش خەۋپ-خەتىرىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ساقلىنىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېمەكلىك سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى قاتتىق ياخشى ئىشلەپ، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيەلەپ بىر تەرەپ قىلىشنى يولغا قويۇپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ساغلاملىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا ـ ئانىلارنى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي يېتەكلەپ، شەخسلەرنىڭ مۇداپىئەلىنىش ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قولنى پات ـ پات يۇيۇش، « بىر مېتىر سىزىق» قاتارلىق تازىلىق ئادىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
قىش، ئەتىياز پەسىللىك مەكتەپ ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، مەكتەپ مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ساغلاملىق بىلىملىرى بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىي، ساغلام، يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان تۇرمۇش شەكلىنى تەشەببۇس قىلىپ، قىش، ئەتىياز پەسلىدە مەكتەپ ئىچىدىكى دائىملىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ياردەم بېرىش كېرەك.
«ئۇقتۇرۇش» تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، مەكتەپلەر قىشلىق تەتىل ۋە ئەتىيازلىق ئوقۇش باشلاش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بالدۇر پىلانلاپ، دائىملىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش ۋە ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلىشى كېرەك. ئالىي مەكتەپلەر « چوققىدىن ئۆتۈش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى تۈركۈمگە بۆلۈپ مەكتەپتىن تەرتىپلىك قويۇپ بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەكتەپتە قېلىپ قالغان ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىشلىق تەتىللىك تۇرمۇشىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇردى. شۇ جاينىڭ يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش بىرلەشمە مۇداپىئە، بىرلەشمە كونترول مېخانىزمى (رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى، قوماندانلىق ئىشتابى) نىڭ يېتەكچىلىكىدە، 2021- يىلى ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمى ئوقۇش باشلاش خىزمىتىنى بالدۇر پىلانلاپ، شۇ جايدىكى شۇ مەكتەپنىڭ ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمى ئوقۇش باشلاش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.