شۇ يەر ۋاقتى 9-چېسلا ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان بايدېننىڭ ئوغلى خانتېر بايدېن (Hunter Biden) بىر باياناتىدا دېلاۋىيەر ئىشتاتى فېدېراتسىيە تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ئۆزىنىڭ باج ئىشلىرىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ باياناتىدا مۇنداق دېدى: «مەن تەكشۈرۈشكە ئىنتايىن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىمەن، لېكىن مەن بىر كەسپىي ھەم ئوبيېكتىپ تەكشۈرۈشنىڭ ماڭا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى، جۈملىدىن كەسپىي باج مەسلىھەتچىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى قانۇنلۇق ھەم مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن». باياناتنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا بايدېن ۋە مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ ھاررىسنىڭ ئۆتكۈنچى كوللېكتىپىدىن كەلگەن بىر پارچە قىسقا بايانات قوشۇمچە قىلىندى، بۇ باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭ بايدېن ئوغلىدىن ناھايىتى پەخىرلىنىدۇ. خانتېر نۇرغۇن كەسكىن رىقابەتلەرنى باشتىن كەچۈردى، بۇ يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىكى يامان غەرەزلىك جىسمانىي ھۇجۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لېكىن ئۇ تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ كېتىدۇ.