گوللاندىيەلىك رىۋايەتلىك چولپان ۋاندېرۋارت «تۇرىن تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مېسسى، كرىستىيانو رونالدو، مارادونا ۋە ئىبراھىموۋىچ توغرىسىدا توختالدى، ھەمدە «مېسسى بىر يەڭگۈچى، لېكىن مارادوناغا يەتمەيدۇ» دېگەن.
ئىبراھىموۋىچ بىلەن سەپداش بولۇش:
«ئەينى ۋاقىتتا ھەر ئىككىمىز ياش ئىدۇق، ئۇ دۇنيا بويىچە بىرىنچى پۇتبولچى بولۇشنى ئويلاتتى، مەنمۇ شۇنداق بولىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. بىز دوست ئەمەس، لېكىن مۇسابىقە مەيدانىدىكى ياخشى ھەمكارلاشقۇچى، ئۇ 9-نومۇر ئورنىدا توپ تېپىدۇ، مەن 10-نومۇر ئورنىدا توپ تېپىمەن.»
ھەمكارلاشقان ئەڭ قالتىس توپچى:
«كرىستىيانو رونالدو. ماڭا خانلىق مادرىدتا ئۇنىڭ بىلەن بىلە توپ تېپىش نىسىپ بولغان، بىزنىڭ ھازىر سۆزلەۋاتقىنىمىز كەسپىي ھاياتىدا 700دىن ئارتۇق توپ كىرگۈزگەن توپ كىرگۈزۈش ماشىنىسى، بۇنىڭدىن كېيىن كرىستىيانو رونالدو ۋە مېسسىدەك توپچى چىقمايدۇ. شۇنى قىستۇرۇپ قوياي، مەن كرىستىيانو رونالدونى تېخىمۇ ياقتۇرىمەن، چۈنكى ئۇنىڭ روھىي ھالىتى ۋە ھەممە يەردە غەلىبە قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ياقتۇرىمەن.»
مارادونا تارىختىن بۇيانقى ئەڭ قالتىس توپچى:
«مەن رومارىئونىڭ مەستانىسى، لېكىن مارادونا تارىختىن بۇيانقى ئەڭ قالتىس توپچى. مارادونا ناپولىدا ئالاھىدە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، مارادونا بولغانلىقى ئۈچۈنلا ناپولى كوماندا تارىخىدا ئىككى قېتىم ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. مېسسى بىر غەلىبە قىلغۇچى، لېكىن ماڭا ئىشنىڭ، ئەگەر مېسسى ھامبۇرگقا ئوخشاش كوماندىدا توپ تەپكەن بولسا كوماندىسى ئىلگىرلىيەلەيدۇ، لېكىن مارادونا ناپولىدا ۋە ئارگېنتىنادا ئېرىشكەندەك شەرەپ ۋە نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ.»