مەمەتجان تاغا 1 مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2020-12-17
來源:پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

چىڭ تۇرۇش بىر خىل ئېتىقاد، ئۇ بىزنىڭ قاتمۇقات قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ، شۇنداقلا بىزگە ئارقا-ئارقىدىن خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ. غۇلجا ناھىيەسىنىڭ «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى مەستانىسى، ئۇيغۇر تاغا مەمەتجان بۇنى ھەقىقىي چوڭقۇر ھېس قىلغۇچى، ئۇنىڭ «قىرىپ خۇشال ئىزدەش ئۇيۇنى» سېتىۋالغىنىغا ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت بولدى، بۇ مەزگىلدە كىچىك مۇكاپاتلار ئۈزۈلمىدى، لېكىن ئەزەلدىن 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مۇكاپات چىقىپ باقمىدى. لىكىن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرساڭ چۇقۇم نەتىجىسى بۇلىدۇ دېگەندەك. مانا ئاخىرغىچە چىڭ تۇرغانلىق سەۋەبلىپ ئۇ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى، 11-ئاينىڭ 28-كۈنى، مەمەتجان تاغا ئاخىرى قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش «چاقناپ تۇرغان نۇر» مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مەنمۇ ھەم ھەقىقەتەن ئۇنىڭ تەلىيىگە ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمىدىم.

ئۇيغۇر تاغا مەمەتجان دېھقان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈنلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى خۇشاللىق تېپىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، « قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى ئويناش ئۇسۇلى ئاددىي بولۇپلا قالماستىن، بەلكى قىزىقارلىق، بولۇپمۇ بايرام ۋە دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال مەزگىلىدە، بىرنەچچە پارچە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش ئۆزىنىڭ بوش ۋاقىتتىكى تۇرمۇشىنى بېيىتىپلا قالماستىن، يەنە پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئازراق كۈچ قوشقانلىق ھېسابلىنىدۇ، بۇ كىشىنى تولىمۇ خۇشال قىلىدىغان بىر ئىش.

11 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى چۈشتە، دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال مەزگىلىدە مەمەتجان تاغا غۇلجا ناھىيەسىدىكى 65410335 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، بىر نەچچە پېشقەدەم لاتارىيەچىنىڭ بارلىقىنى كۆردى، ئۇلار بىلەن سالاملاشقاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان«قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش»غا قاراپ ماڭدى. كۆرگەزمە ئىشكاپىدىكى تىزىپ قويۇلغان بېلەتكە قاراپ، ئۇ قىممىتى 20 يۈەنلىك « ئالتۇندەك چاقنىغان نۇر» دىن بىرنى تاللاپ سېتىۋالدى، ئويلىمىغان يەردىن بۇ بېلەتتىن كىچىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. مەمەتجان تاغا خۇشال بولۇپ يەنە بىر تال بېلەت ئالدى، بۇ قېتىم ئۇ چۆچۈپ كەتتى، چۈنكى ئۇنىڭغا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات يەنى 1 مىليون يۈەن مۇكاپات چىققان ئىدى. ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ: «بۇ كاتتا مۇكاپات مېنىڭ يىل ئاخىرىدىكى مۇكاپاتىم بولدى»-دېدى.

مۇكاپات ئالغاندا، مەمەتجان تاغا خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:«مېنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىش روھىي ھالىتىم ناھايىتى ياخشى، گەرچە ئىزچىل چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان بولساممۇ، لېكىن مۇكاپاتقا ئېرىشمىسەم ھەرگىز ئۈمىدسىزلەنمەيمەن، بۇنى باشقىلارغا بېغىشلايدىغان مېھىر ـ مۇھەببەت دەپ بىلىمەن. بۇ يىللاردا مەن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالسام دائىم ئۇلارنىڭ ماڭا ئامەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىمەن. گەرچە ئادەتتە بەزى كىچىك مۇكاپاتلار چىققان بولسىمۇ، لېكىن بۇ بىر مىليون يۈەن مۇكاپات يەنىلا كىشىنى بەك ھەيران قالدۇرىدۇ.»-دېدى.

ئامەت ھەقىقەتەن ئاجايىپ نەرسە، سەن ئۇنىڭغا تەشنا بولغاندا، ئۇ يىراققا مۆكۈۋالىدۇ، سەن پەرۋاسىز قالغاندا، ئۇ جىمجىتلا يېتىپ كېلىدۇ. تەلەي بەزىدە مۇشۇنداق ئاددىي، مۇنداقلا ئېلىپ قويغان بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بېلىتى بىلەن چوڭ كاتتا مۇكاپات چىقىپ قېلىشى مۇمكىن.

1.png